جۇڭگو ۋەكىلى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى قوللىمىدى


ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.جۇڭگو ۋەكىلى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشيەننىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جى مۇنۇلارنى بىلدۈردى :‹ب د ت نىزامنامىسىدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى خەلقئارا تىنىقلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن .ب د ت دىكى ھەر قايسى ئاپپاراتلارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق فۇنكسىيىسى ۋە خىزمەت تەقسىماتى بار دەپ بەلگىلەنگەن .خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىگە ئارىلىشىۋالىدىغان سورۇن ئەمەس . ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ .نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خەلقئارا تىنىقلىق ۋە بىخەتەرلىك نۇرغۇن كەسكىن خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ .خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇرچىنى قەتئىي ئادا قىلىپ زېھىنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ خەلقئارا تىنىقلىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك .
لىيۇ جې مۇنداق دېدى :‹ چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ ۋە سەزگۈر .يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانى ،يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلىنى كېڭىشىپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن .ئۇ ھەم ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىش يۆنىلىشى بۇلىشى لازىم .خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ۋە جىددىي ۋەزىيەتنى ياخشىلايدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قوللىشى ،ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدىغان ھەر قانداق ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك .خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشيەننىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىگە ئارلىىششى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن نىشانغا زىت .بۇنىڭ زىيىنى باركى پايدىسى يوق .
لىيۇ جى يەنە مۇنداق دېدى :جۇڭگو چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى بىلەن قوشنا .يېرىم ئارالدا ئۇرۇش مالىمانچىلىقى كېلىپ چىقىشىغا ھەرگىز يول قۇيۇلمايدۇ .جۇڭگو يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ يېرىم ئارالنىڭ تىنىقلىق ۋە مۇقىملىق مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ .جۇڭگو ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ،ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ قايتا باشلىنىشىغا شەرت ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشىدۇ .شۇنداقلا يېرىم ئارالنىڭ تىنىچ مۇقىم ۋەزىيىتىنى ئورتاق قوغداشنى ئۈمىد قىلىدۇ .شۇ كۈندىكى يىغىندا روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشيەننىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ چاۋشىيەن مەسىلىسى ھەممە تەرەپنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بۇلۇپ ،كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورىيە زۇڭتۇڭى پارك گۆنھىي 24 - مارت گوللاندىيە گائاگادا 3 - نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ،خەلقئارا جەمئىيەتنى بىرلىكتە تىرىشىپ چاۋشيەننى يادرو قورالىدىن ۋاز كېچىشىگە مەجبۇر قىلىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلغان.
پارك گۆنھىي چاۋشيەننىڭ « يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى» ۋە ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يادرو قورالى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۆزىنىڭ يادرو ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە ئەگەر چاۋشيەننىڭ يادرو ماددىي ئەشيالىرى «تېررورچىلار» تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلسە، بۇنىڭ دۇنياغا چوڭ خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پارك گۆنھىي يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيانى يادروسىزلاشتۇرۇش ئاۋۋال چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىن باشلىنىشى كېرەك. چاۋشيەننى يادروسىزلاشتۇرۇش چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنىچ بىرلىككە كېلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، چاۋشيەننى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يالغۇز كورىيە تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى چەكلىنىپ قالماستىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشىغا مۇھتاج. ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىكى كورىيە ئۆمەك باشلىقى كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى تىنىچ سۆزلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جىنكۇڭ شۇ يەر ۋاقتى 5-دېكابىر سىئولدا زىيارەتكە كەلگەن ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئامېرىكا تەرەپ ئۆمەك باشلىقى ،ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى شەرقىي ئاسىيا تىنىچ ئوكيان ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى قوشۇمچە چاۋشىيەن سىياسىتى پەۋقۇلئاددە ۋەكىلى كىم سۇڭ بىلەن كۆرۈشتى .ئىككى تەرەپ چاۋشىيەن ۋە چاۋشىيەن يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى .

كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بۇ كورىيە ئامېرىكا ئۆمەك باشلىقلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى ۋە چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېن نىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى سۈي جۇڭخەينىڭ روسىيەنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتى ئىكەن .ئىككى تەرەپ بۇندىن كېينكى چاۋشىيەنگە قارىتىلغان سىياسەتلەر .ئۈستىدە ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى .ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئامېرىكا تەرەپ ئۆمەك باشلىقى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى شەرقىي ئاسىيا تىنىچ ئوكيان ئىشلىرى مىنىستىرى قۇشۇمچە چاۋشىيەن سىياسىتى پەۋقۇلئاددە ۋەكىلى كىم سۇڭ سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاراتقۇلارغا چاۋشيەننىڭ يادروسىزلاشتۇرۇشنى سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرمەي تۇرۇپ چاۋشىيەن يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى تۈزۈلۈشنى قايتا باشلاش ئاقىلانىسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .ئۇ چاۋشيەننىڭ يادروسىزلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىرادىسىنى دەلىللىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى .

 


كىم سۇڭ ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە شەخسى يوللار ئارقىلىق چاۋشىيەن بىلەن سەمىمىي ماھىيەتلىك سۆزلىشىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە ئىشىكىنى كەڭ ئېچىۋەتكەنلىكى ،لېكىن چاۋشيەننىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسىنىڭ سوغۇق بولغانلىقىنى بىلدۈردى .ئۇ ئامېرىكىنىڭ يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىۋاتقانلىقىنى ،ئەمما چاۋشيەننىڭ نىڭغا قاتنىشىش سەمىمىيىتى بولمىسا نەتىجە ھاسىل قىلىشنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى .

چاۋشىيەن: چاۋشىيەن ئەزەلدىن «دۇنيادىكى ئەڭ چەكمىلىككە تولغان دۆلەت» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە، ھۆكۈمەت ئەڭ زور چەكتە ئۇچۇرنىڭ ئەركىن ئالمىشىشىنى چەكلەپ كەلمەكتە. چاۋشىيەندە نەچچە مىليونلىغان خەلق ئاچارچىلىق تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا، نەچچە مىڭلىغا ئادەم تۈرمىدە خورلانماقتا. چاۋشىيەننىڭ ھەربىيلىشىشى شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىۋاتقان يادرو قوراللىرى پىلانى دۆلەتنىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى تىنچلىق كۆرسەتكۈچىنى كېمەيتمەكتە.

چاۋشىيەن تاراتقۇلىرى10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامىرىكا تاراتقۇلىرنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەپ خەۋەر بەردى، ئىسرائىلىيە ئاخپارات مىنىستىرى شىتەنىس مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن: بىزنىڭ قارشىمىزچە ئۆتكەن نەچچە يىلدىن بۇيان ئىران چاۋشىيەننىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن زور مىقداردا پۇل بىلەن تەمىنلىگەن،ھەمدە چاۋشىيەن ئىراننى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى ۋە تەتقىق قىلغۇچى خادىم بىلەن تەمىنلىگەن.شىتەنىس 10-ئاينىڭ 20-كۈنى دۆلەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخپارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن: ئىران ئىزچىل تۈردە چاۋشىيەن تەرەپتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەسپى خادىم قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن.

 

بۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىران چاۋشىيەنگە يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مالىيە جەھەتتىن ياردەم قىلغان.ئىگىلىنىشچە، شىتەنىس ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانياخۇنىڭ يېقىن ئىشەنچىلىك ئادىمى بۇلۇپ،ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە ئاخپارات تارمىقى مۇساد قاتارلىق ئاخپارات ئورگانلىرىنىڭ باش مەسئۇلى ئىكەن.شىتەنىس يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: چاۋشىيەن بىلەن خەلىقئارا جەمىئەت ئۆتكەن نەچچە يىلدىن بۇيان سۆھپەت ئېلىپ بېرىپ بارغان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا چاشىيەننىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشىنى تۇسىيالمىدى.ئىرانمۇ چاۋشىيەنگە ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ خەلىقئارا جەمىئەتنىڭ ئۇنىڭغا قاراتقان ھەرخىل جازالىرىدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بۇلىۋاتىدۇ.

كورىيەبىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارغاندا كورىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى خەنمىنچۇ27-ئۆكتەبىردىكى دۆلەت مەجلىسىدە دۇلەت مۇداپىيە كومىتېتى ئۆتكۇزگەن ھۇكىمەت ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا («ئۇچار پاچاق »ناملىق باشقۇرۇلدىغان بومبىغا يادرو ئوقبىشى سەپلىگىلى بۇلامدۇ يوق )دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندە مۇنداق دىدى ،چاۋشىيەن ئاللىقاچان ئۈچ قىتىملىق يادرو سىنىقى ئېلىپ باردى ،بىرىنجى قىتىملىق يادرو سىنىقىدىن ھازىرغىچەخىلى ئۇزۇن ۋاقىت ئوتتى . شۇنىڭ ئۇچۇن ھەربىي تەرەپ چاۋشىيەننىڭ يادرو قۇرالى تېخنىكىللىرى ئاللىقاچان يۇقىرى سەۋيىگە يەتتى دەپ قارايدۇ.كورىيە ھەربىي تەرەپنىڭ ئاخبارات ئېدارىسىنىڭ ئانالىزىغا قارغاندا چاۋشىيەن 2010-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئەڭ كۆپ بولغان 40كىلوگىرام قۇيۇقلاندۇرلغان ئۇران ئېشلەپچىقىرالايدۇ ،بىر تال ئۇرانوپىلىت ئۇقى ياساش ئۈچۈن 15-20كىلوگىرامغىچەقۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۇران كىتىدۇ ،نەزىريە جەھەتتىن ئىلىپ ئىيىتقاندا چاۋشىيەن يىلدا 2دانە ئۇرانوپىلىت ئۇقى ياسىيالايدۇ ، خەنمىنچۇيەنە چاۋشىيەننىڭ كۆپ ئوق بىشى ئىلىپ يۇرەلەيدىغان باشقۇرۇلدىغان بومباتەتقىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ ،لىكىن بۇنداق ئىھتىماللىقنى يۇققا چىقارغىلىمۇ بولمايدۇ دىدى ،


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
24-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek