جاھان ئاگېنتلىقى 14-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: غەززە قىرغىقىنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ مەھەللىسىدە بىر ئۆيگە ئوت كېتىپ 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 4 كىشى يارىلاندى. رەفاھ مەھەللىسىدىكى ئەبۇ نەھلە ئائىلىسىدە نامەلۇم سەۋەبتىن ئوت كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن، ئوت كېتىش ھادىسىسىدە ئايالى ئامىنە ئەبۇ نەھلە، ئوغلى ۋالى ۋە قىزى ھۇدا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 4 كىشى يارىلانغان. يارىدارلار خان يۇنۇس مەھەللىسىدىكى ياۋرۇپا دوختۇخانىسىغا يۆتكەلدى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوتنى كونترول قىلدى. غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ئىياد بىزم، ئىجتىمائى ئالاقە تورى فېيىسبۇك ھىساباتىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئوت كېتىش ھادىسىسىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ دەسلەپكى ئۇچۇرىغا قارىغاندا بۇ ۋەقەدە جىنايەت گۇماندارى بايقالغانلىقىنى ئېيتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved