ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ تەسىر دائىرسىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرلىشى

ئالى بابا گۇرۇھى : لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 


ئالى بابانىڭ بۇ يىل بازارغا چېقىشى ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردە ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى مايۈن سودا ساھەسىدە شاش ئارغىماقتەك چېپىپ يۈرمەكتە.

مايۈن چېپىپ يۈرۈپ، پۇتبۇل ساھەسى، تېز يوللانما ساھەسى، كىنو - تېلېۋىزىيە، يۇمشاق دېتال، خەرىتە، ئاخبارات، مۇزىكا – سىن، ئويۇن، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سالدى ياكى شۇ ساھەدىكى ئالدنقى قاتاردىكى شىركەتلەرنى سېتۋالدى.

 

بەزەنلەر دەيدۇ: مايۈن تارىخ ياراتماقچى، ئۆزىنىڭ سودا چەمبىرىكى ئىمپىريىسىنى قۇرماقچى؛ يەنە بەزەنلەر دەيدۇ: مايۈن چېپىپ يۈرۈپ ئامېرىكا، ياپونىيەگە پۇل تېىپىپ بىرۋاتىدۇ دەيدۇ.

 


قېنى تۆۋەندە مەن ئالى بابا ( مايۈن) مەبلەغ سالغان تۈرلەنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىقاي:

 


1. ئالى بابا تورى: مەخسۇس ئوتتۇرا - كېىچىك تىپتىكى كارخانىلار ئۈچۈن ئېچۋېتىلگەن سودا تورى.

 


2. تاۋ باۋ تورى: ئوتتۇرا – كېچىك تىپتىكى كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچىلەر بىلەن ئېستىمالچىلار ئوتتۇرسىدىكى سودا سۇپىسى.

 


3. ئالى بۇلۇت سۇپىسى: بۇ سۇپا ئاساسلىق كومپىيۇتېر ساھەسىدىكى تەتقىق قىلىش ۋە ئېچىش ئىشلىرىغا مەركەزلەشكەن. ئالى بۇلۇت سۇپىسى ئالى بابا گۇرۇھنىڭ 8- تارماق شىركىتى.

 

 

4. ئالقىش ( رىۋايەت ) تورى: تۇرمۇش تورى

 


5. جۇڭگو ياخۇ: ئىزدەش( ماتورى) تورى، 2005 – يىلى 8- ئايدا ئالى بابا گۇرۇھى جۇڭگو ياخۇنى سېتۋالغان.

 


6. ئالى ماما : ئېلان تەشۋىقات ئىشلىرىنى كېڭەيتىش، شۇئارى: يەر يۈزىدە ئىشلەش قېيىن بولغان ئېلان يوق.

 

 

7. ئالى يۇمتال: ئالى بابا گۇرۇھى يۇمتال ساھاسىدىكى سەركەردە مىكروسوفىت بىلەن سىتراتىگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىپ، < يەر يۈزىدە باشقۇرۇش قېيىن بولغان سودا يوق. > دېگەننى شۇئار قىلىپ، ئوتتۇرا - كېچىك تپتىكى كارخانىلارغا تىخمۇ كۆپ، تىخمۇ ياخشى، قولاي بولغان سودا يۇمتالى تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان.

 


8. ئالىپاي: ئىشەنچ بولغاچ، ئىشلار ئاسان. تور دۇنياسىدا سودا قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئىشەنچىلىك بولغان ئالماشتۇرۇش( ھېساۋات قىلىش) سۇپىسى < پۇل تۆلەش سۇپىسى>.

 


9. خېڭدا پۇتبۇل كۇلۇبى: مايۈن خېڭدا پۇتبۇل كۇلۇبىنىڭ 50 پىرسەنىت پاي چېكىنى سېتۋالدى؛ تاراتقۇلارغا ئاساسلانغاندا، مايۈننىڭ كۆزلىگىنى پۇتبۇل مەستانىلىرى ئېكەن.

 


10. جۇڭگو پوچتىسى: مايۈن جۇڭگو پوچتىسى بىلەن سىتراتىگيەلىك ھەمكارلبق ئورناتتى ئاساسلىق مەقسىتى ئەقلى يوللانما لىنىيەسى ھاسل قىلىش.

 


11.ياۋروپا سودا ھەمكارلىقى: مايۈن ئالدى - كېيىن بولۇپ، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە بىلەن سودا ھەمكارلىقى ئورناتتى، بۇ ئارقىلىق جۇڭگولۇق ئېستىمالچىلار بىۋاستە ھالدە فىرانىسيە ۋە ئىتالىيەنىڭ مەھسۇلاتىلرىنى سېتۋالاليدىغان بولدى.

 


12. تىيەنمىياۋ: بۇ ئاساسلىق كارخانىلارغا قارىتىلغان سودا سۇپىسى.

 


13. ينتەي گۇرۇھى: ئالى بابا ينتەي گۇرۇھىغا 5.37 مىلىيارد شىياڭگاڭ پۇلى مەبلەغ سالغان،

 


14. گاۋدې خەرىتىسى: 2013 – يىلى 5- ئاينىڭ 10 –كۈنى، گاۋدې ئالى بابانىڭ 294 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلىغىگە ئېرىشكەن، بۇ ئارقلىق ئالى بابا گاۋ دې نىڭ 28 پىرسەنىت پېيىغا ئىرىشپ، گاۋ دې نىڭ بىرنچى چوڭ پايچىكىغا ئايلانغان.

2014 – يىلى 2- ئاينىڭ 10 – كۈنى، ئالى بابا گاۋ دې نىڭ ئامېرىكىدكى ھەر بىر پېينى 21 ئامېرىكا دوللىرىىلىق باھا بىلەن نەق پۇل ئارقىلىق سېتۋالغان، بۇ ئارقىلىق گاۋ دې شىركىتى 100 پىرسەنىت ئالى بابانىڭ تارماق شىركىتىگە ئايلانغان.

مايۈننىڭ باياناتىدا، گاۋ دې شىركىتى بازاردىن چېكىنىپ چىقمايدىكەن، ھەم ئۆز ئالدىغا ئايرىم تەرەققىي قىلىدىكەن.

 


15. يۇ س: ئالى بابا يۇ س نىڭ پىرسەنىت پيېنى ئىگەللىگەن. لېكىن... يۇ س پۈتۈنلەي ئالى باباغا قوشۇلدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يۇ س نىڭ ئالى باباغا قوشۇلىشى، ئالى بابا يىقىندا يولغا قويماقچى بولغان ئالى كۆچمە خەۋەرلىشىشنى تىخنىكا، ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.


بۇ يىل 3- ئايدا، ئالى بابا يۇ س غا ئەلا پاينى ئالماشتۇرۇش سېتۋلىشىنى تاماملىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق پاي نىسبىتى 66 پىرسەنىت بولغان.

6 –ئايدا، يۇ س نىڭ بارلىق پاي ھوقۇقىنى سېتۋالغان. يۇ س نىڭ قىممىتى 4.35 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. يۇ س قارمىقىدا، يۇ س تور كۆرگۈچى، شىن ما ئىزدەش ماتورى، يۇس 9 ئويۇنى، پ پ ياردەمچى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بار.

 


16.شىنلاڭ مىكرو بىلوگى: ۋېي بو دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 2013 – يىلى 4- ئايدا، ئالى بابان شىنلاڭ مىكرو بىلوگىنىڭ18 پىرسەنىت پاي ھوقۇقىنى سېتۋالدى.

 


17. 2013- يىلى 4 –ئايدا، تېز ماشىنغا ئولتۇرۇش دېتالىغا پاي قوشتى.

 


18. ئالى كۆچمە خەۋەرلىشىشى:

 


19. مەدەنىي جۇڭگو: 3- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئالى بابا مەدەنىي جۇڭگوغا 6.2 مىلىيارد شىياڭگاڭ پۇلى مەبلەغ سلىپ، مەدەنىي جۇڭگونىڭ 60 پىرسەنىت پېينى ئىگەللىدى. ھازىرقى نامى ئالى بابا كىنو گۇرۇھى.

 


20. خۇاشۇ ئاخباراتى: 6.536 مىلىيارد خەلق پۇلى مەبلەغ سالغان.

 


21. يۇكۇ – تۇدۇ: يۇكۇ – تۇدۇغا 1.22 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان.

 


22.سەي نىياۋ يوللانمىسى. 2013 – يىلى 5 –ئايدا، ئالى بابا بىلەن ينتەي گۇرۇھى، فۇشىڭ گۇرۇھى بىرلىشىپ لەي نياۋ يوللانمىسىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.

 


23. پوچتا: يېقىندا ئالى بابا سىنگاپور پوچتىسىغا 239 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سلىپ، خەلقئارا يوللانما ئۈچۈن ئۇل سالغان.24. ساياھەت تورى: 2013- يىلى 6- ئايدا ئالى بابا چىيوڭ لۈ تورىغا 60 مىليون مەبلەغ سالغان .

 


25. 2014- يىلى 4- ئايدا، ئالى بابا خىڭ شىڭ ئېلېكتىرونىنى 3.3 مىلىيارد خەلق پۇلى بىلەن سېتۋلدى.

 


26. 2014 – يىلى 3- ئايدا، 215 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن سىن ئىجتىمائى ئالاقە تورى تانگوغا مەبلەغ سالدى.

 


27. 2013- يىلى 12- ئايدا 2.822 مىليارد ئامېرىكا دوللىر بىلەن خەيئىر گۇرۇھى تارمىقىدى داجىيا دىيەن يوللانما شىركىتىگە مەبلەغ سالغان.

 


28. 2013- يىلى 2- ئايدا، ئالى بابا بىلەن جۇڭگو ئامانلىق سۇغۇرتىسى، تېڭشۈن بىرلىشىپ جوڭئەن تور سۇغۇرتىسىنى بىرلىكتە روياپقا چىقاردى، بۇنىڭدا ئالى بابانىڭ 19.9 پىرسەنىت پېيى بار.

 


29. 2012- يىلى 11- ئايدا، ناخشا – مۇزىكا چۈشۈرۈش تورى شىيامې تورىنى سېتىۋالدى.

 


30. 2012- يىلى 11- ئايدا،دىڭ دىڭ تورىغا مەبلەغ سالدى( دىڭ دىڭ تورى، تۇرمۇش ئۇچۇر مۇلاىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور)

 


31. 2011- يىلى 5- ئايدا، چوڭ سانلىق مەلۇمات نى سېتۋالدى.

 


32. 2011- يىلى 3- ئايدا، مې تۈەن تورىغا مەبلەغ سالدى.

 


33. 2009- يىلى9 - ئايدا، ۋەن ۋاڭ تورىغا540 مىليون مەبلەغ سالغان. ۋەن ۋاڭ تورى ئېنتىرنىت ئىشلتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

 


34. 2010 – يىلى 8 –ئايدا، ئاكتىۋا نى سېتۋالغان.

 

 

ئالى بابا مەبلىغى( پۇلغا يارايدىغان قىممىتى دەپ مۆلچەرلەنمەكتە). كۆپلىگەن يولداشلار ئالى بابانى ياپوننىڭ دەيدۇ، چۈنكى ياپونيلىكنىڭ 34 پىرسەنىت پېيى بار. ئەينى چاغدا مايۈننىڭ ئالى باباسى پۇلغا شۈنچىلىك ئېھتىياجلىق بولغان، بۇ دۆلەتتە ھېچكىم ئالى باباغا مەبلەش سلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن. مەبلەغلچىلەر ئاشۇ ئاۋاققا مەبلەغ سالامدۇق، تورنى تاماق ئورنىدا يىگىلى بولامدۇ دەپ قارىغان.سۈ جىڭ يى ئالتە مېنتۇت ئېچىدە ئالى باباغا مەبلەغ سىلىشنى قارار قىلغان.

ھەم ئالى باباغا مەبلەغ سالغان. ئالى بابا تور دۇنياسىدا ھەر قايسى ساھەلەرگە چېتىلىپ بولدى. تاۋباۋ ۋە تىيەنمىياۋنىىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار جىق، بۇ سەۋەبلىك شەكىللەنگەن تېز يوللانما شىركەتلىرىمۇ كۆپ. مەبلەغ سالغۇچىلار ھازىر پۇشايمان قىلماقتا. ئەگەر شۇلار ئەينى چاغا مايۈننى قوللاپ، ئالى باباغا مەبلەغ سالغان بولسا بۇ مەبلەس سالغانلار بىر كىچىدىلا مىليونىرغا ، مىلىيادرغا ئايلانغان بولاتتى.


مانا ھازىر مايۈن مەبلەغ سالىدىغان يەر بولسىلا ئايىماي مەبلەس سىلىۋاتىدۇ، باشقىلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. بەلكىم بۇ مەبلەغ سلىشى قارشى ئەينى خۇددى بەزەنلەر دېگەندەك < چەتئەلنىڭ> ديىشتىن ساقلىنش ئۈچۈندۈر.

 


بۇ يىل شەخسىلەرگەشەخسىي بانكا ئېچىش ھوقۇقى بىرىلدى. بۇ ئارقىلىق ئالى بابا ئۆزىنىڭ بانكىسىنى قۇرالايدۇ. مايۈن يەنە بىر قانچە تۈرگە مەبلەغ سالغان، ھەم مەغلۇپمۇ بولغان. شۇنىڭغا ئاساسەن بۇ تەۋەككۈل مەبلەغ سىلىشنىڭ پايدىسىمۇ يۇقىرى، خەتىرىمۇ ھەم يۇقىرى.


ئالى بابا( مايۈن) نىڭ مەبلەغ سىلىش ئۇسلۇنى بىز دىيارىمزغا تەتبىقلىساق، بۇنىڭدا ئەرقال مېنىڭچە ئۈلگە بولالايدۇ، يەنى تەۋەككۈل مەبلەغ سىلىش جەھەتتە. بۇندىن باشقا جىق تور – تىخنىكا شىركەتلىرىمىز بار، ھەم لېكىن تەرەققىياتى ئاستا، مەبلەغ يېتەرلىك ئەمەس.

 


يولداشلار دەيدۇكى، مايۈندە مەبلەغ بار، ئاشۇ ئىختىسادلىقلارنى ئىشلىتەلەيدىغان ، ئىشقا سالالايدىغان كاللا بار. شۇنداقكى، بەيدۇ، ئالى بابا، تېڭشۈن جۇڭگو ئېنتىرنىت ساھەسىدىكى ئۈچ چوڭ سەركەردە، ھەم بۇلار بەك كۆپ پۇلغا يارايدۇ.

 

لېكىن بۇ پۇلنىڭ كۆپچىلىكنى جۇڭگولىقلار تاپىدۇ، يەنى جۇڭگولىقلارنىڭ پۇلى، لېكىن چەتئەلدىكىلەر بۇ پۇلنى چەتئەلدىكىلەر يېتىپ خەجلەيدۇ. ئەگەر ئەينى يىلى جۇڭگۇلۇق بايلار، مەبلەغ سالغۇچىلار يىراقنى كۆرەلىگەن بولسا ئىدى، بۇ پۇللار بىلەن جۇڭگودا نۇرغۇن مىلىيادىرلار بارلىققا كەلگەن بولاتتى.


شۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، پۇلى بارلار پۇل چىقارسا، ئەقىل بارلار ئەقلىنى، كۈچى بارلار كۈچىنى چىقارسا، بىزنىڭ كارخانىلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى باشقىچە بولغان بولاتتى.



خەتكۈچلەر:
19-08-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: تور دۇنياسى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-03-2016
لېيجۈن :مەن ھەركۈنى 3مىنۇتتا چۈشلۈك تاماق يەيمەن مېنىڭ ئاجىزلىقىم مەن باشقىلارغا دېيەلمەيمەن .باشقىلارنى خا پا قىلىپ قويۇشنى خالىمايمەن . مەن بەك يۈزۈم چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقىمەن ، شۇڭا مەن بۇ ئۇرۇندا بەك ھارىمەن . لېي ج...
16-03-2016
گوگىل سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى قورشاۋ شاھماتتا ئىنساننى يەڭدى گوگىل شېركىتى ئاچقان سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قورشاھ شاھماتتىن ئىبارەت جوڭگۇنىڭ قەدىمكى ئويۇنىدا دۇنيا چېمپىيونىنى 4 تە بىر نەتى...
06-02-2016
        ئامېرىكا ئاخبارات تور پونكىتى breitbart نىڭ 4-فېۋالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەرەت قاچىسى» تەتقىق قىلىپ ياساۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىۋاستە ئولتۇرۇشقا ۋە زوڭ...
06-02-2016
       يانفون ساھەسىنىڭ كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدە، يانفون زاۋۇتى ياخشى سېتىش مىقدارى ياراتماقچى بولسا قاتتىق دىتال سەپلىمىسى بىر مەسىلە بولىدۇ، پاسونى يەنە بىر مەسىلە بولىدۇ، يېقىندا بىر تورداش سۈزۈك Lumia ئەقلىيفونى (N...
06-02-2016
       ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمە تور مۇلازىمەت ئانالىز شىركىتى ‹‹ئوچۇق سىگنال›› (OpenSignal) يېقىندا پۈتۈن يەر شارى كۆچمە تور دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ...
06-02-2016
       تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Canalys ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما يېڭى Apple Watch ئارقىلىق 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بازىرىغا ي...
06-02-2016
       بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.   ...
05-02-2016
           پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
05-02-2016
       Sanrio ياپونىيىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Hello Kitty,My Melody,mmy Kitty قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كارتون ئوبرازلىرىنى ياراتقان. يېقىندا ياپونىيىدىكى OLA شىركىتى Sanrio شىركىتىنىڭ ھوق...
05-02-2016
        ئالما شىركىتىنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ شىركەت يېڭىدىن يولغا قويغان كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى Apple Pay ھازىرغىچە ئىككى مىليوندىن كۆپرەك پارچە سېتىش دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، Crate & Barr...
Powered by Leglek