بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى بېزىلىش لايىھىسى تۆت چاقتىن قوزغىتىلىدىغان نۇسخىسى بىلەن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، ئەمما نۇرغۇن رەڭ سەپلىمىسى ۋە زاكاس ئامىللىرى قوشۇلغان. تۆت شادىلىق ھەشەمەت تىپىدىكى رول سەپلەنگەن.
رەڭ سەپلىمىسى ئەنئەنىۋىي بولۇپ، ئازادە يورۇق بوشلۇققا ئىگە، ھەقىقىي خۇرۇم ئورۇندۇقى ئىنتايىن راھەت.
بامبۇك ياختاي يېيىتىلغان كۇزۇپى ئىنتايىن نەپىس كۆرۈنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مىقدارى 0.65 توننىغا يەتكەن بولۇپ، ھەقىقەتەن ئىچى-تېشى ماسلاشقان ھەشەمەتلىك دالا ئاپتوموبىلى دېيىشكە بولىدۇ.
تۆت چاقتىن قوزغىتىشتىن ئالتە چاققا ئۆزگەرتىلگەن بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچ تەقسىماتى بولسا 30:40:30. بۇندىن باشقا بۇ ئاپتوموبىلنىڭ يەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 460mm، ئېغىرلىقى 3775kg، بۇ ئاپتوموبىلغا ئۇنىۋېرسال بالون سەپلەنگەن.
ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىگە كەلسەك، بۇ ئاپتوموبىلغا 5.5 لتېرلىق V8 قوش پىرقىرىغۇچلۇق ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 544 ئات كۈچى، ماكسىموم تولغىنىش مومېنتى 758N·m، ماتورغا يەتتە خوتلۇق ئارىلاشما سۈرئەت كۇرۇپكىسى ماسلاشتۇرۇلغان.
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved