ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىۋاتقان مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئاھالىلەر ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تېھران ھۆكۈمىتى 19-دېكابىر پۈتۈن شەھەردە ئىككى كۈن دەرس توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىران ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېھران مۇھىت بۇلغىنىش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كومىتېتى 19-دېكابىر كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە تېھران مۇھىت بۇلغىنىش سەۋىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىشى ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تېھراندىكى بارلىق بالىلار باغچىلىرى، تەييارلىق سىنىپ ۋە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 20-دېكابىر ۋە 21-دېكابىر پۈتۈنلەي دەرس توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ كومىتېت يەنە مۇھىت بۇلغىنىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن تېھران ئۆلكىسىدىكى كان مەيدانلىرى ۋە مۇھىت بۇلغىغۇچى كارخانىلارنى بىر ھەپتە ئىش توختىتىشىنى ئېلان قىلغان ھەمدە تېھران ھەركۈنى شەھەرگە كىرىش ئىجازەتنامىسىنى تارقىتىشىنى بىر ھەپتە توختاتقان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىران ھۆكۈمىتى تاراتقۇلار ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرى بولۇپمۇ ياشانغانلار، بالىلار قاتارلىق سەزگۈر توپتىكىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى ۋە ئەگەر سىرتقا چىقىش ھاجىتى بولسا ئامال بار شەخسىي ماشىنا ھەيدىمەسلىك، ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىگە ئولتۇرۇش تەكلىپى بەردى.
تېھران دۇنيادىكى مۇھىت بۇلغىنىش ئەڭ ئېغىر شەھەرلەرنىڭ بىرى، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ماشىنا كىرەكسىز گازىدىن كەلگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved