ئامېرىكا كېيىنكى ئەۋلاد ئالەم كېمىسىنى ياساپ چىقتى، يىل ئاخىرىدا ئۇچۇرۇپ سىناق قىلىنىدۇ
13-06-2014
0
285
يازغۇچى: لەگلەك
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
thumb

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، 10-ئىيۇن ، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) فىلورىدا ئىشتاتىدىكى كېنېدى ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدە ، كېيىنكى ئەۋلاد ئالەم كېمىسى ‹‹ ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ›› نىڭ رەسىمىنى ئاشكارىلىغان .


خەۋەر قىلىنىشىچە ، ‹‹ ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ›› يەر شارى بىلەن مارس ياكى كىچىك سەييارىلەر ئارىسىدا ئادەملىك ئۇچۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئالەم كېمىسى بولۇپ ، تۆت خىزمەتچى خادىمنى ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن . بۇ ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ تاشقى قېپى 2000 گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىپ ياسالغان .


‹‹ ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ›› ناملىق ئالەم كېمىسى 12-ئايدا كېنېدى ئالەم مەركىزىدە تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىسىز سىناق قىلىنىدىكەن . ئۇنىڭ ئوربىتىسىنىڭ ئېگىزلىكى يەر شارى يۈزىدىن 5800 كىلومېتىر ئېگىز بولۇپ ، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى ئېگىزلىكىنىڭ 15 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن . ئۇ يەر شارىنى ئىككى ھەپتە ئايلانغاندىن كېيىن ، سېكۇنتىغا توققۇز كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا يەر شارىغا قايتىپ كېلىدىكەن . ئالەم كېمىسى تۇنجى قېتىم قويۇپ بېرىلگەندە ئىنژېنېرلار ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ، ئۇچۇشى ، ئاتموسفېرا قاتلىمىغا قايتىشى ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا بىخەتەر ھالدا قونۇشى قاتارلىق پۈتۈن جەرياندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى قىممەتلىك ماتېرىيال سۈپىتىدە خاتىرىلەيدىكەن . مۆلچەرلىنىشىچە ، 2020-يىل ئەتراپىدا ‹‹ ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ›› ناملىق ئالەم كېمىسى تۇنجى قېتىم ئادەملىك ئۇچۇشقا رىقابەت ئېلان قىلىدىكەن .


ئىگىلىنىشىچە ، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئالەم ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەممىسى 2010-يىلى ۋەزىپىسىدىن چېكىندۈرۈلگەن بولۇپ ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم بوشلۇقى سىستېمىسى ‹‹ ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ›› 2015-يىلدىن باشلاپ ۋەزىپە ئۆتەپ ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاي شارىغا قايتىش ۋە مارستا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى قايتىدىن ئۈستىگە ئالىدىكەن .

 

خەتكۈچلەر:
13-06-2014
0
285
يازغۇچى: لەگلەك
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. ئەگەر كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
ئەگەر مەنبەسىنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز لەگلەك تورىدا ئۇچۇق ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ !.
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىش
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-06-2014
0
51
thumb
لەگلەك تورى تەرجىمىسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۆپ قىسم يەرلىرىنى ئىگىلىگەن ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەرنىڭ 13 - ئىيۇن ھۇجۇم قىلىش كۈچى ئاجىزلىماي پايتەخىت باغداتنىڭ ئەتراپىدىكى دىئالا ئۆلكىسىدىكى ئككى شەھەرنى ئىگەنلەپ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مۇھ...
14-06-2014
0
91
thumb
ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 11-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، سۇدانلىق ئايال مەريەم ئىبراھىم ئامېرىكىلىق سىتۇرىيان بىلەن توي قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىنغان ، شۇنداقلا جامائەت ئ...
14-06-2014
0
42
thumb
ئۇكرائىنا زوڭتۇڭى پوروشىنكو 12-ئىيۇن قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، پۇتىن بىلەن تۇنجى قېتىم تېلېفونلاشتى. ئۇ پۇتىنغا ئۈچ رۇسىيە تانكىسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىغا كىرىش قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە...
14-06-2014
0
47
thumb
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 11-ئىيۇن مۇنداق دېدى: ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پىلانى- ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى. پىلان ئۇرۇش توختىتىش ۋە ھەر قايسى تەرەپلەر سۆزلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ...
14-06-2014
0
68
thumb
خەلق تورى ئۈرۈمچى 12-ئىيۇن تېلېگراممىسى : 12-ئىيۇن ، جۇڭگو شىنجاڭ 4-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا خەلقئارا ئاپتوموبىل مەركىزى ئۈرۈمچى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. 56 داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىسىنىڭ نەچچە يۈزگە يېقىن يېڭى نۇسخىدىكى ئاپتومو...
13-06-2014
0
49
thumb
12 - ئىيۇن شىنخۇا تورى باغدادتىن بەرگەن تېلېگراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى . يىغىنغا قاتناشقان ئادەملەرنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىراق 12 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئېچىلىدىغان پۈتۈن دۆلەتتە جىددىي ھالەتكە ئۆتۈش...
13-06-2014
0
68
thumb
2014 – يىل 12 – ئىيۇن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو، رىئودې ژانېيرو قاتارلىق كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى ئامما يەنە داۋاملىق نامايىش ئېلىپ بېرىپ، دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشىلىق بى...
13-06-2014
0
123
thumb
ياپونىيەنىڭ F-15 كۈرەشچى ئايروپىلانى جۇڭگو ھەربىي ئايروپىلانىنى يېقىندىن نازارەت قىلىپ ئەگەشمەكتە. 12-ئىيۇن، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن جىڭكې شاڭشياۋ بېيجىڭدا:‹‹ئېلىمىز دۇڭخەي دېڭىزىدا ھاۋا مۇداپىئە پەرقل...
13-06-2014
0
45
thumb
12-ئىيۇن، فىلىپپىن ئاممىسى فىلىپپىن پايتەختى مانېلادىكى ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا نامايىش ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ ھەربىي ئىتتىپاق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان يېڭى كېلىشىمنى ھاسىل قىل...
13-06-2014
0
72
thumb
شۇ يەر ۋاقتى 12 – ئىيۇن سەھەردە، 2 – دۇنيا دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى ھاۋادىن تاشلىغان ئېغىرلىقى 160 قاداق (تەخمىنەن 72 كىلوگىرام) كېلىدىغان بومبا گېرمانىيەنىڭ لەيپزىگ شەھىرىدە پارتلىتىلىپ، قۇيۇق ئىس – تۈتەك...
Powered by Kakkuk