رۇسىيە : يېڭى تاماكا چەكلەش قانۇنىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكى 2014-يىلى 1-ئىيۇندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى . قەھۋەخانا ، تاماقخانا ، ئۇزۇن يوللۇق پويىزدىكى كارىۋاتلىق ۋاگون ۋە مېھانسارايلاردا تاماكا چېكىش پۈتۈنلەي مەنئى قىلىندى . قانۇندا يەنە تاماكىنى يىراقتىن سېتىشمۇ مەنئى قىلىندى .
فىرانسىيە : فىرانسىيەدىكى بارلىق شىركەت ، مەكتەپ ، ئارام ئېلىش ئورۇنلىرى ، دوختۇرخانا ، مەمۇرىي ئورگان قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەككۈچىلەرگە ئېنىق قىلىپ ‹‹ ياق ›› دېگەن . تاماكىنى ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى قىلغان ئالاھىدە سورۇنلار ، يەنى قەھۋەخانا ، مېھمانخانا ، تاماقخانا ، قىمارخانا ۋە كەچىلىك كۇلۇبلاردىمۇ 2008-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ تاماكا چېكىش مەنئى قىلىندى . خەۋەر قىلىنىشىچە ، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 175 مىڭ ‹‹ تاماكا ساقچىسى ›› نى چارلاش ۋە تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان . بەلگىلىمىگە قارشى چىققانلارغا 75 ياۋرودىن يۇقىرى جەرىمانە قويغان .
ئەنگىلىيە : ئەنگىلىيە ئەڭ بۇرۇن ئۆي ئىچىدە تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلغان دۆلەت بولۇپ ، بۇ بەلگىلىمە 2006-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە نۇرغۇن رايونلاردا ئومۇملاشتى . بەلگىلىمىگە ئاساسەن كىمكى تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنغان رايوندا تاماكا چېكىپ تۇتۇلۇپ قالسا ، 50 فوندستېرلىڭ جەرىمانە قويۇلىدىكەن . ئەگەر تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنغان رايوندا تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنىدۇ دېگەن بەلگىنى چاپلىمىغانلارغا 200 ~ 1000 فوندستېرلىڭ جەرىمانە قويۇلىدىكەن .
ئىسپانىيە : گەرچە ئىسپانىيە پۈتۈن ياۋروپا بويىچە تاماكا چېكىشنى ئەڭ كېيىن مەنئى قىلغان دۆلەت بولسىمۇ ، بۇ بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىش پوزىتسىيەسى ئەڭ قاتتىق بولدى . ئىسپانىيە 2011-يىلى 2-يانۋار بۇ بەلگىلىمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان ، بەلگىلىمىگە قارشى چىققانلارغا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 30 ياۋرو ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 60 ياۋرو جەرىمانە قويدى .
بۇتان : 2004-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تاماكا چەكلەش قانۇنى چىقىرىپ ، دۇنيادىكى بىردىن-بىر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تاماكا چەكلىگەن دۆلەت بولۇپ قالدى . تاماكا چەكلەش قانۇنىدا باغچا ، كېچىلىك سورۇن ، دۇكان–ساراي ، ئۈستى ئوچۇق بازار ، ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق بارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىش قانۇنغا خىلاپ دەپ بېكىتىلدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved