چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 17 ئادەم قازا قىلغاندىن كېيىن، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ئەدەندە كېچىدە يۈرۈشنى چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئەدەن بىخەتەرلىك كومىتېتى كېچىدە يۈرۈشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى شۇ جاي ۋاقتى 4- يانۋار كەچ سائەت 8 دىن، 5- يانۋار سەھەر سائەت 5 كىچە يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 3- يانۋار ئەندە پورتىدا شىددەتلىك ئېتىشىش يۈز بېرىپ، 17 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىخەتەرلىك قىسىمىنىڭ 9 ئادىمى بار ئىكەن. ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى رادىكال ئۇنسۇرلار پەيدا قىلغانىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى 2- يانۋار شۇ كۈنى سائەت 14 تىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بىرلەشمە ئارمىيە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىرلەشمە ئارمىيە يەمەن زۇڭتۇڭى ھادىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ئۆتكەن يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ ئۇرۇش توختاتتى، بۇنداق قىلىشىمىز يەمەن توقۇنۇشىنى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىش ۋە تىنچلىق سۆھبتىگە شارائىت ھازىرلاشتىن ئىبارەت.
بىرلەشمە ئارمىيە تەرەپ ھۇسسى قوراللىقلىرى ۋە ئالدىنقى زۇڭتۇڭ سالىھنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلدى، بۇ ھۇسسى قوراللىقلىرى ۋە سالىھنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تىنچلىق سۆھبىتىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇرۇش توختىتىش ئارقىلىق پەقەت ئۆز مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved