جۇڭگو ئاخبارات تورى 17-مارت تېلېگراممىسى:
«مەركىزىي ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ 1-خانىمى مىچىل ھىلارى كىلىنتوننى ئۆرنەك قىلىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى پەقەتلا ئويلىمايدىغانلىقىنى، ۋاشىنگتوندىكى قۇتۇپلاشقان سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مىچىل ئامېرىكا تېكساس شتاتى ئائۇستىندا ئۆتكۈزۈلگەن جەنۇب مۇزىكا بايرىمىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە بۇ گەپلەرنى قىلغان. ئۇ مۇزىكا بايرىمىدا خەيىر-ساخاۋەت ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان بىر ناخشىنى تونۇشتۇرۇپ، ب د ت نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان 62 مىليون ساددا قىزغا ياردەم بېرىشىنى قوللىغان.
ئۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېگەن: «مەن ھەرگىز ئوتتۇرىغا چىقىپ، زوڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشمايمەن، مېنىڭ بۇنداق قىلىش نىيتىم يوق» دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنىمۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەن ئاق ساراينىڭ سىرتىدا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاق ساراينىڭ سىرتىدا چۈشەپ قويۇلمايمەن، بەزى ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايمەن. نۇرغۇن كىشىلەر مەن ھازىر 1-خانىم مىچىل ئوباما بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئاۋازىمنى ئاڭلىيالمايدۇ، كەلگۈسىدە ئۇلار مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ».
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved