«خاماس» پەيلىدىن يانمىسا بەدەل تۆلەيدىكەن

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، يېرۇسالېم، 3- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدىكى بىر باياناتچى 3- ئاۋغۇست مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە غەززەدىكى بىر قىسىم قۇرۇقلۇق قىسىمىنى چېكىندۈرۈشكە ھەمدە باشقا قىسىملارنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى. بىراق ۋەزىپە داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ». 
پودپولكوۋنىك پېتىر لېرنېر مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر غەززەدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قايتىدىن باشلىدۇق. ئەمدى بىر قىسىم ئىستىھكاملار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، باشقا قىسىمدىكىلەرنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلىدۇ».
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، يېرۇسالېم، 2- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇ 2- ئاۋغۇست «خاماس» نى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر <خاماس> ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق راكېتا قويۇپ بەرسە، ئۇنداقتا ئۇلار ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ». بىراق ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە بىلەن غەززە چېگراسىنىڭ ئاستىدىكى «خاماس» نىڭ لەخمىسى بىتچىت قىلىنغان ھامان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەرىكىتىگە قايتىدىن باھا بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بەرگەن.
نېتانىياخۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئىسرائىليە <خاماس> بىلەن بۇ توقۇنۇشنى دىپلوماتىيە ئۇسۇلى بويىچە ھەل قىلىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى خالايدۇ. بىراق ئىسرائىلىيە ھەربىي ھەرىكەتنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق، ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى تاللاش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ».
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، يېرۇسالېم، 3- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 3- ئاۋغۇست مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئىككى كۈن بۇرۇن غەززەدىكى ئۇرۇشتا يوقاپ كەتكەن ئەسكەر خادار گولدىننىڭ قازا قىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى. ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باشلىقى رابى رەھبەرلىكىدىكى بىر ئالاھىدە كومىتېت دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى جىۋادى بىرىگادىسىنىڭ پىيادە ئەسكىرى خادار گولدىننىڭ قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ 1- ئاۋغۇست غەززە رايونىدىكى ئۇرۇشتا قازا قىلغان».
بۇ باياناتتا دېيىلىشىچە، بۇ ئەسكەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان ھەمدە نەپىقىگە ئېرىشكەن. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇنىڭدىن بۇرۇن خادار گولدىننى «خاماس» نىڭ ئەسىرگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىكەن.
ئىسرائىلىيە ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ باشلىقى رابى رەھبەرلىكىدىكى بىر گۇرۇپپىنىڭ 3- ئاۋغۇست دەلىللىشىچە، 23 ياشلىق گولدىن جەڭ مەيدانىدا قازا قىلغان.
غەززەنى كونترول قىلىۋاتقان قوراللىقلار گولدىننى ئەسىرگە ئالغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن، بىراق ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش تارمىقى - قەسەم بىرىگادىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىر نەچچە ئەسكەر ئىسرائىلىيە ئېيتقان گولدىن ئەسىرگە ئېلىنغان رايوندا يوقاپ كەتكەن بولۇپ، گولدىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
رېيتېر ئاگېنتلىقى، قاھىرە، 3- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: مىسىردىكى ئۇزۇن قۇلاق ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، پەلەستىندىكى «خاماس» قوراللىقلىرى ۋە ئىسلام غازات تەشكىلاتىنىڭ بىر ۋەكىلى 3- ئاۋغۇست قاھىرەگە يېتىپ كەلدى. ئۇ مىسىر ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ.
ئۇ ئۇزۇن قۇلاق ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت كاتىپى بۇرنېس ۋە ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بلايىرمۇ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن قاھىرەگە قاراپ يول ئالغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 2- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىق ناھايىتى تېزلا كۆپۈككە ئايلانغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ زۇڭلىسى نېتانىياخۇ: «ئاقساراي ئىسرائىلىيەنى پەلەستىندىكى ئۇرۇشخۇمارلار بىلەن بولغان ئۇرۇشنى توختىتىشقا قىستىماسلىقى كېرەك» دېگەن.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، لوندون، 3- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى فىلىپ خامموند 3- ئاۋغۇست ئىككى تەرەپنىڭ شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشىنى، غەززەدىكى «چىدىغۇسىز» ۋەزىيەتكە دەرھال خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيە پۇقرالىرى ھازىرقى ۋەزىيەتتىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋېتىپتۇ.
خامموند ئۆتكەن ئايدا ۋىليام خېيگنىڭ ئورنىغا چىقىپ دىپلوماتىيە ۋەزىرى بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىنچىلىقنى چوقۇم توختىتىش كېرەك ئىكەن. ئۇ يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە قازا قىلغان پۇقرالارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.



خەتكۈچلەر:
05-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
25-05-2016
    ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى 22-ماي ئىراندا ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىغان. ئىران ئانالىزچىلىرى: ھازىر ھىندىستاننىڭ ئىران ئىقتىسادىغا ئارىلىشىشىنىڭ ياخشى پەيتى، دې...
25-05-2016
   ئۇچۇر ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال قىلىشىچە، ئامېرىكىدا بىر دادا بەش بالىسىنىڭ چوڭ بولغاندا داڭلىق خۇسۇسىي مەكتەپ بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەقسىز ئوقۇشى ئۈچۈن مەكتەپنىڭ كېچىلىك ئىسمېنىسىدا 18 يىل ئىشلەيدىغان تازىلىقچىسى بولۇشقا ...
25-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 25- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     پەلەستىن زۇڭلىسى خامۇدارا شۇ جاي ۋاقتى 24- ماي ئىسرالىيە زۇڭلىسى نىتانىياخو ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى تەرەپ بىۋاستە سۆزلىشىش تەكلىپىنى رەت قىلىپ...
25-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا شىتاتىدىكى ئالبۇكۋېركۋې، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، نامايىشچىلار يىغىلىش مەيدانىغا بېسىپ كىرىپ ...
25-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 25- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە، پۈتكۈل فرانسىيەدىكى %20 ماي قاچىلاش پونكىتىدا پۈتۈنلەي ماي يوق ياكى ماي يېتىشمەسلىك ھالىتى كۆرۈلگەن.  &nbs...
25-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 50 مىڭ ئادەم كوچىلارغا چىقىپ، بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە چىقىمىنى قىسىش سىياسىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن. بىرنەچچە ئۆكت...
25-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
25-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
25-05-2016
    جۇڭگو خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ 5-ئاينىڭ24-كۈنى خانويدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ۋيېتنام كۈنلۈك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى خانوي ۋاقتى 15:55 ئۆتكەند...
25-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 25- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مىسىر ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ يوقاپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئايروپىلان پارىژدىن ئۇچقان ۋاقىتتا تېخ...
Powered by Leglek