سالامەتلىككە پايدىلىق بولغان بىر نەچچە مىنوتلۇق ھەرىكەتلەر

جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشغا ئەگىشىپ ساغلاملىق ھەر بىر كىشىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىسنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى . كىشلەرنىڭ ساغلاملىق ئېڭىمۇ جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىپ بېرىۋاتىدۇ .كۈندىلىك تۇرمۇش بېسىمى بارغانسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ،يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ھەققىدىكى بىلىملىرى ئانچە تۇلۇق بولماسلىقى مۇمكىن .ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى بەزى كىچىك نۇقتىلارغا دىققەت قىلساقلا سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلغان بولىمىز ،بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان كىچىك نۇقتىلار دەل سالەتلىككە پايدىلىق بولغان تۆۋەندىكى بىر نەچچە مىنوتلۇق ھەرىكەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :

 

1. بارماقلار بىلەن چاچنى بىر مىنۇت تاراپ بېرىش : ئىككى قولنى يېيىپ، بارماق بىلەن پىشانىدىن ئارقىغا قارىتىپ چاچنى تاراپ بەرگەندە، باش قىسمىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 


2. قۇلاقنى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاپ بېرىش : قۇلاقتا پۈتۈن بەدەنگە تۇتىشىدىغان ئۇششاق تومۇر توپلانغان بولۇپ، باش بارماق بىلەن قۇلاقلارنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، تومۇرلار راۋانلىشىپ، قۇلاق غوڭۇلداش، كۆز تورلىشىش، ئۇنۇتقاقلىق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 


3. كۆز قارچۇقىنى بىر مىنۇت مىدىرلىتىپ بېرىش : كۆزنىڭ گۆھىرىنى ئۆز رېتىمى بىلەن ئوڭ - سولغا قارىتىپ مىدىرلىتىپ بەرگەندە، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
4. بۇرۇننى بارماق بىلەن بىر مىنۇت سىلاپ بېرىش : ئىككى بارماق بىلەن بۇرۇننى يۇقىرىدىن - تۆۋەنگە قارىتىپ سىلاپ بەرگەندە، ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا سوغۇقتىن پەيدا بولغان بۇرۇن پۈتۈش، بۇرۇندىن سۇ كېلىش ۋە زۇكامداپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 


5. بىر مىنۇت چىشىنى چاكىلدىتىپ، تىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈش : چىشنى يېنىك چاكىلدىتىپ بەرگەندە، چىش يىلتىزى ۋە چىش ئارىلىقلىرىدىكى قاننى جانلاندۇرۇپ، چىشنى ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. تىلنى ھەرىكەتەندۈرۈپ بەرگەندە، تىلنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تىل سېزىمىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

 


6. كىندىكنى بىر مىنۇت يەڭگىل سىلاپ بېرىش : ئىككى ئالقان بىلەن كىندىكنى يەڭگىل سىلاپ بەرگەندە، شامال تېگىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 


7. بىر مىنۇت قورساقنى ئىچىگە تارتىپ، سوڭىنى چىقىرىش : قورساقنى قايتا - قايتا ئىچىگە تارتىپ بەرگەندە، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوۋاسىر كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

 


8. پۇت - قوللارنى بىر مىنۇت سۇنىۋېلىش : بۇنداق قىلغاندا، قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىشىپ، يۈرەك، مېڭىگە يېتەرلىك ئوكسىگېن ۋە قان يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاستا ۋە جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك، مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، قول - پۇتلاردىكى ئۇششاق بوغۇملارنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

 


9. تاپان مەركىزىنى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاپ بېرىش : ئىككى تاپاننى جۈپلەشتۈرۈپ سۈركەپ ئۇۋۇلىغاندا، بەدەندىكى قانلارنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تالنى ساغلاملاشتۇرغىلى، يۈرەكنى كۈچەيتىپ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرغىلى بولىدۇ.

 

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
05-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
13-05-2016
       زەنجىۋىل كىشىلەرگە تونۇشلۇق ئېسىل تەم تەڭشىگۈچ خۇرۇچ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى يېمەكلىك قاتارىدا ئىشلىتىشتىن باشقا، يەنە دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دورا تەتقىقاتىدا زەنجىۋىلنى قاينىتىپ ي...
12-05-2016
     ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتا-ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكى 10 خىل ھەرىكىتى بالىلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن.  1....
10-05-2016
    زامانىۋى پەن-تېخنىكا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، تېلىۋىزور،DVD، كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن قاتارلىقلار تېز سۈرئەتتە ئۇمۇملىشىپ، تۇرۇمۇشىمزغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، ھەتتا بۇ ئۈسكۈنىلەر بىزنىڭ ئەڭ يېقىن...
10-05-2016
     نېرۋا مۇتەخەسسىسى يې جىڭ يېقىندا بىر يىل بۇرۇن بوكس مەشىقىدە مېڭىسى قاتتىق زەخمىلىنىپ باش سۆڭىكىنى ئېچىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان، ئەمما يېرىم يىلدىن كېيىن ئېغىر تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئاغرىقنى مىسال...
09-05-2016
    ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.     ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
09-05-2016
    بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ناھايىتى خۇشال بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ھەتتا دادىنىڭ ئۆز قولى بىلەن بوۋاقنىڭ ھاياتىغا «لېنتا كېسىشى» ئۈچۈن، كىندىك كېسىش ئىشىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. لېكىن بىر دادا بار بول...
08-05-2016
    بىر يىل ئەھۋال ئىگىلەش ۋە تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشنى سىناق قىلىش خىزمىتى تۈنۈگۈن باشلاندى، بۇ ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ھەقلىق ...
08-05-2016
     1. كالپۇك ئىششىش ۋە چىڭقىلىش. بۇ رىئاكسىيە قىلغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ كۆز ياشاڭغىراش، بەدەن قىچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنى لەۋسۇرۇخ ۋە يىمەكلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئىششىش ئ...
07-05-2016
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا سۇيى كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. كۆپلىگەن ئادەم سودا سۈيىنى مىنېرال سۇدىن كۆپ پايدىلىق، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قاراشنىڭ ھېچقانداق ئاس...
05-05-2016
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى (1984–يىل 9–ئاينىڭ 20–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001–يىل 2–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلى...
Powered by Leglek