چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالىملار تىتاندىكى (ساتۇرننىڭ ئالتىنچى ھەمراھى) سۇيۇق ھالەتتىكى ئالكان دېڭىزىدا دولقۇن مەۋجۇتلىقىنى بايقىغان. بۇ ئەھۋال بىز كۆل بويىدا كۆرگەن دولقۇنلارغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ ساتۇرننىڭ ھەمراھى ئالىملارنى ھەيران قالدۇردى. بۇ ھەپتە سان فىراسسىسكودىكى ئامېرىكا يەرشارى فىزىكا ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ يىغىنىدا ئالىملار كاسسىنى ناملىق تەكشۈرگۈچ سۈرەتكە تارتقان تىتاننىڭ يەر يۈزى سۈرىتىنى ئېلان قىلدى ھەمدە «لېگىيە دېڭىزى» دەپ نام بېرىلگەن جايدا دېڭىز دولقۇنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى. بۇ تۇنجى قېتىم يەرشارىدىن باشقا پىلانېتتا دېڭىز دولقۇنىنىڭ بايقىلىشى بۇلۇپ، بۇ تىتاندا تېخىمۇ ئاكتىپ بولغان ئاسمان جىسىمى فىزىكىلىق ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئسىپاتلايدۇ. ئالىملار ماتىماتىكىلىق مودېللاش ۋە رادار دولقۇنىنىڭ قايتىش تەسۋىرىدىن بۇ دولقۇننىڭ ئېگىزلىكى پەقەت 1.5 سانتېمېتىر كېلىدىغانلىقى، سۈرئىتىنىڭ يەر شارىدىكىدەك تېز بولماستىن سېكۇنتىغا 0.7 مېتىر سۈرئەت بىلەن ھەركەتلىنىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ يەرشارىدىن باشقا دېڭىز دولقۇنى مەۋجۇت بولغان بىردىنبىر پىلانېت. تىتاندىكى سۇيۇقلۇق گىدروكاربونلار بولۇپ ئاساسلىق تەركىبى مېتان. بۇ جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، نۆلدىن تۆۋەن 180 گىرادۇسقا يېتىدۇ. دېڭىز دولقۇنىنىڭ بايقىلىشى تىتاننىڭ مۇز بىلەن توڭلىغان ئەمەس بەلكى ئاكتىپ ھەرىكەتتىكى پىلانت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئالىملار يەنە تىتاندىكى دولقۇننىڭ پەسىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بايقىدى. تىتان كاسسىنى ناملىق تەكشۈرگۈچ ساتۇرن ئوربېتىسىغا يېتىپ بېرىپ تىتاننى كۆزىتىش باشلانغاندىن كېيىنكى يەتتىنچى قېتىملىق ياز پەسلىگە كىردى. تۆت پەسىل ئۆزگىرىشى تىتاندا شامال پەيدا قىلىدۇ ھەمدە بۇ دولقۇنلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. كاسسىنى ناملىق تەكشۈرگۈچنىڭ تارتقان سۈرىتىدە تىتاندىكى دەريا، دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى قاتارلىقلار ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، بۇ ھادىسىلەر تىتاندا ئىلگىرىكىدىنمۇ ئاكتىپ، ئۆزگىرىشچان مۇھىت بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. تىتاندىكى ئالكان دېڭىزى ئانچە چوڭقۇر بولماستىن، بۇ گىدروكاربونلارنىڭ چوڭقۇرلىقى 200 مېتىر كېلىدۇ، شىمالىي قۇتۇپ ئەتراپىغا زىچ جايلاشقان.
تىتاندا ئالكانلار ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ جايدىكى مېتانمۇ ئىنتايىن مول بولۇپ، يەر شارىدىكى تەبىئىي گاز زاپىسىدىن 40 ھەسسە كۆپ. بۇ پىلانىت يەنە قۇياش سىستېمىسىدىكى يۇپېتىرنىڭ ئۈچىنچى ھەمراھىدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ ھەمراھ بولۇپ، 1655-يىلى ئالىم كىرىستىيان ھۇيگېنىس تەرىپىدىن بايقالغان.
![]() |
22-دېكابىر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى بولغان «چىللە كىرىش كۈنى» (كۈن-تۈن تەڭلىشىش كۈنى) بولۇپ، ئەل ئارىسىدا « بۇ كۈندە تۈگۈر يېسە، قىش چىققىچە مۇزلىمايدۇ» دېگەن قاراش بار. بۇ ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved