شىنخۇا تورىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
سۇرىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 23-مارت خەۋەر قىلىشىچە، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئاشقۇن تەشكىلاتى «ئىسلام دۆلىتى» كونتروللىقىدىكى سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى شەھەر تادمۇرنى قورشىۋالغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تادمۇر ئەتراپىدا «ئىسلام دۆلىتى»گە قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتتە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ پات ئارىدا تادمۇرنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
باش ئىشتابى لوندونغا جايلاشقان «سۇرىيە ئىنسانىي ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى» 23-مارت دېيىشىچە، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ قوللشىدا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى يېقىندا «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن تادمۇر ئەتراپىدا كەسكىن ئېتىشقان ھەمدە شەھەر ئىچىدىكى «ئىسلام دۆلىتى» نىشانلىرىنى توپقا تۇتقان ھەمدە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان.
تادمۇر قەدىمىي شەھرى پايتەخت دەمەشىقنىڭ شەرقىي شىمالىغا 215 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، قەدىمىي رىم ئۇسلۇبىدىكى مەدەنىي يادىكارلىق، 2000 نەچچە يىللىق تارىخى بار، 1980-يىلى ب د ت ئىلىم-پەن مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كىرگۈزۈلگەن. «ئىسلام دۆلىتى» 2015-يىلى 5-ئايدا تادمۇرنى ئىشغال قىلغان ھەمدە قىسمەن مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved