نىگېرىيە زۇڭتۇڭى جوناسىن ئۈلۈشكۈن ئوكۇن ئىشتاتىنىڭ شىمالىدىكى جۇڭگو شىركىتى قۇرغان بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە ئاساسىي كونترول كومپيۇتېرخانىسىدا بۇ ئىستانسىسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنى باشلاش كۇنۇپكىسىنى ھەمدە توك تارقىتىش كۇنۇپكىسىنى باستى.
جوناسىن شۇ كۈنى ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشنى باشلاش ھەمدە توك تارقىتىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: ئېلېكتىر كۈچىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش نىگېرىيەنىڭ ئېلېكتىر كۈچى بازىرىغا ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىدۇ، نىگېرىيەنىڭ كەلگۈسى ئىككى يىلدا ئېلېكتىر كۈچىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى تاماملاپ بولۇشىدىن ئۈمىد بار.
ئۇ مۇنداق دېدى: نىگېرىيە ھۆكۈمىتى 8 مىليارد 260 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ نىگېرىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يېقىلغۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىدا تارقىتىلغان توك نىگېرىيە مەملىكەت بويىچە تارقاتقان توكنىڭ ئالتىدىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved