ئەگەر سىز ئىزچىل تۈردە مىكروسوفتنىڭ يېڭى بايراقدار يانفونى Lumia 950 ياكى 950 XL گە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىڭىز، ياكى بۇ يانفونلارنى ئاللىقاچان سېتىۋالغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزگە بىر خۇشخەۋەر بار. ئۇ بولسىمۇ، مىكروسوفت شىركىتى يىقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ ئىككى يانفوننى سېتىۋالغانلارغا Office 365 يۈرۈشلۈك دېتالى شەخىسلەر نۇسخىسىنىڭ بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش ھوقۇقىنى ھەقسىز سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
مىكروسوفتنىڭ ئېيتىشىچە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئابونتلار پەقەت قولىدىكى Lumia 950/950 XL يانفونى ئارقىلىق Lumia Offers ئەپ دېتالى ياكى Windows Store ئەپ دۇكىنىنى ئېچىپ، ئاندىن «ئىشلەتكىلى بولىدىغان مۇلازىمەت تىزىملىكى» دىن «Office 365 نىڭ بىر يىللىق ئىشلىتىش ھوقۇقى» نى تاللاپ، ئۆزىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىنى كىرگۈزۈپ، «داۋاملاشتۇرۇش» نى باسسىلا، ھەقسىز ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش باسقۇچىنى تاماملىيالايدىكەن.
مىكروسوفتنىڭ كۆرسىتىشىچە، Lumia 950/950 XL ئابونتلىرىنىڭ ھەممىسىلا بۇ قېتىملىق ئىتىبار پائالىيىتىدىن بەھرىمان بولالمايدىكەن، بۇ پائالىيەت پەقەت ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، نورۋېگىيە ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئابونتلارغا قارىتىلغان ئىكەن.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، Office 365 نىڭ بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش ھوقۇقىدىن باشقا، مىكروسوفت بۇ ئابونتلارغا يەنە 1TB چوڭلۇقتىكى OneDrive بۇلۇت ساقلاش بوشلۇقى سوۋغا قىلىدىكەن.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved