پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى 14-ئىيۇل يەنىلا داۋاملاشتى ، نۇرغۇن ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئاشتى . ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون غەززە ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق تۈردە يامانلىشىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى .
پەلەستىن تەرەپ 14-ئىيۇل سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ، توقۇنۇشتا ئاز دېگەندىمۇ 177 ئادەم قازا قىلىپ ، 1300دىن كۆپ ئادەم يارىلانغانلىقىنى ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاۋام پۇقرا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .
بان كىمون باياناتچىلار ئارقىلىق پەلەستىن بىلەن ئسرائىلىيە ئارىسىدىكى ئېغىر سىياسىي ئىختىلاپنى ھەربىي يول ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ، ئىككى تەرەپنى يارىشىپ ، زوراۋانلىقنى بالدۇرراق ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرغان .
شۇ كۈنى ، ب د ت بالىلار فوندى بۇ توقۇنۇشتا ئاز دېگەندىمۇ 33 بالىنىڭ قازا قىلىپ ، نەچچە يۈز بالىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان . ئۇلار بۇ توقۇنۇشنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە پاسسىپ تەسىر ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتقان .
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇ ‹‹ تىغ قوغداش ھەرىكىتى ›› نى بەلكىم تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى ‹‹ تۈرلۈك تەييارلىق ››لارنى ياخشى ئىشلەشكە چاقىرغان . خاماس تەرەپ ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق تۈردە راكېتابومبا ئېتىپ قايتۇرما ھۇجۇم بەرگەن . ئامېرىكا ئاق ساراي ئىسرائىلىيەنى غەززە رايونىغا قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان .
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved