ماكلارېن يېقىندا P1 GTR نىڭ سېخىنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى، بارلىق ياساپ بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى رەتلىك تىزىلغان. بۇ ماكلارېن يېڭى قۇرغان ئالاھىدە بۆلۈم.
سېرىق يېشىل ئارىلاش بولغان ماكلارېن P1 GTR بولسا كۆرگەزمىگە ئىشلىتىدىغان ئەسلى تىپ ماشىنا، ئىلگىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پائالىيەتكە قاتناشقان. سىزىقچىسى ئوخشاش بولغاندىن يەنە ئىككىسى بار، بىراق رەڭ تەڭشىكى ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە P1 GTR دىن جەمئىي 40 يۈرۈش بار، شۇڭا ماشىنا ئىگىسىمۇ ئالاھىدە بولغان سىر زاكاس قىلغان. ئەڭ كۆركەم بولغىنى بۇ baby blue رەڭگىدىكى P1 GTR، ماشىنىدىكى سىزىقچە ئەمىلىيەتتە دۇنيادىكى بىر قىسىم داڭلىق مۇسابىقە يولى.
چۈنكى ھەرقايسى دۆلەت قاتناش ئورۇنلىرىنىڭ قانۇن-نىزامىنى ئويلاش ھاجەتسىز بولغانلىقتىن، شۇڭا ماكلارېن P1 GTR تېخىمۇ رادىكال بولغان ھاۋا دىنامىكىسى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى زاپچىسى ئالماشتۇرغان.
ئەمىلىيەتتە تاشيول نۇسخىسىدىكى ماكلارېن P1 يىنىكلىتىش تەرەپتە ۋايىغا يەتكۈزگەن، شۇڭا P1 GTR كۈچەيتىلىپ دەرىجە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن ئېغىرلىقى 50 كىلوگرام تۆۋەنلىگەن. ئاۋال بارلىق ئايلىنىش سۈرئىتىگە پايدىسىز زاپچاسلارنى ئېلىۋەتكەن، ئەينەكنىمۇ دىۋېرقاي ماتىرىيالىغا ئالماشتۇرغان.
ماكلارېن P1 نىڭ ئىچكى بېزىكىنىمۇ «ئاددى» ھېسابلاشقا بولىدۇ، پەقەت مۇسابىقە ماشىنىسى ئورۇندۇقى ۋە رولنىلا ئالماشتۇرغان.
شۈبھىسىزكى، ماشىنا گەۋدىسىدىكى كاربون تالالىق ماتىرىيالنىڭ ھەممىسى ئوڭ-سول سېمىتىرىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە لاك بىلەن بۇ نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ھاجەتسىز.
ماشىنا قۇيرۇقى تېخىمۇ چوڭ بولغان قۇيرۇق قانات ئالماشتۇرغان، ئەلۋەتتە DRS سېستىمىسىنى ساقلاپ قالغان. باشقا تېخىمۇ ياخشى بولغان ھاۋا دىنامىكىسى زاپچىسىنى ماسلاشتۇرۇپ، بېسىمنى %10 ئاشۇرغان. چۈنكى گاز قويۇپ بېرىش بەلگىلىمىسىنى ئويلىشىش ھاجەتسىز بولغانلىقتىن، شۇڭا گاز قويۇپ بېرىش سېستىمىسىنى ئالماشتۇرغان، قۇيرۇق كاناينىمۇ ئالماشتۇرغان.
ماكلارېن P1 GTR نىڭ تەگلىك ئاسمىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ كۈچەيتىپ دەرىجە ئاشۇرۇپ، پۈتۈنلەي مۇسابىقە يولىغا يۈزلەندۈرگەن. چاقنىمۇ يىنىكلىتىلگەن چاق بۇلى ۋە تېخىمۇ چىدامچان مۇسابىقە يولى چاقىغا ئالماشتۇرغان، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋىتىنى 989 ئات كۈچىگىچە دەرىجە ئاشۇرغان.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved