يەر شارى تورى 21- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
يېقىندا كورىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى « سىپارتاك 3000 » ناملىق زەربىدارلار قىسىمى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، بۇ قىسىم دېڭىز ئارمىيەسىنى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنىڭ 3000 ئەسكىرىدىن تەشكىل تاپقانىكەن، ئۇلار 24 سائەت ئىچىدە پۈتكۈل چاۋيشەن يېرىم ئارىلىدا جەڭ ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىدىكەن. « سىپارتاك 3000 »نىڭ ئاساسلىق نىشانى مۇھىم پەيىتتە ئەڭ ئاۋال چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئارقا سەپ رايونىغا كىرىپ، چاۋشيەننىڭ يادرولۇق ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇپ تاشلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئىكەن، ئادەتتىكى ۋاقىتتا بۇ قىسىم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسنى ئۆتەيدىكەن، بۇ ھەم كورىيەنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىل زەربىدار قىسىم قۇرۇپ چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ يىل 1- ئايدا قۇرۇلغان 3000 كىشىلىك ماشىنالاشقان قىسىم مۇشۇ ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىدا ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە مەشىق قىلغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved