يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لەمبورگىنى Egoista غا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە تۈرلۈك ماركىنى تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ، بۇ ماشىنا كەلگۈسىدە رەسمىي تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇمكىنكەن.
لەمبورگىنى 2013يىلى جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە Egoista ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى تۇنجى ئېلان قىلدى، Egoista ئىتالىيە تىلىدا «شەخسىيەتچى» دېگەن مەنىگە ئىگە، بۇ ماشىنىنىڭ قىياپىتىمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە، بۇ ماشىنىنى لەمبورگىنى ماركىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ نۇسخا ماشىنا بەلكىم كەلگۈسىدە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇمكىن، Veneno نىڭ چەكلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكىلى قوللىنىش مۇمكىنچىلىكى بار. Egoista نىڭ ماشىنا گەۋدىسى ئىنتايىن فانتازىيەلىك، ماشىنا ئىچىدە تاق ئورۇندۇقلۇق لاھىيە قوللىنىلغان، لاھىيە ئىلھامى ئاپاچ ئايروپىلاندىن كەلگەن، بىر ساپ سۈرئەت ماشىنىسىغا تېخىمۇ ئوخشايدۇ. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى تەرەپتە، بۇندىن ئىلگىرىكى ئۇقۇم ئاپتوموبىلىغا 5.2L لىق V10 ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 600 ئات كۈچى، بۇ ماتورGallardo دىن كەلگەن، ئەمما تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن بەلكىم Huracan نىڭ ماتورىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن.
لەمبورگىنى بۇندىن ئىلگىرى 2016-يىللىق جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ماركىنىڭ قۇرغۇچىسى (Ferruccio Lamborghini) فېرررۇچچىئو لەمبورگىنى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن بىر خوشاللىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ ۋاقىتتىكى خوشاللىق بەلكىم بۇ نۇسخا Egoista نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نۇسخىسى بولىشى مۇمكىن، ئەمما يەنە بىر خىل ئېھتىماللىق بار، يەنى بۇ شىركەت چىقىرىدىغان پۈتۈنلەي يېڭى بولغان مۇسابىقە ئاپتوموبىلى Centenario LP770-4، ئەڭ ئاخىرىدا لەمبورگىنى زادى قانداق مەھسۇلات ئېلىپ كېلىدۇ، بۇنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved