بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
5-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتە ، خەينەن ئۆلكىسى چىيۇڭخەي شەھرى تەنمىن بېلىقچىلىق جەمئىيىتىدىن ئىگىلىنىشچە ، چىيۇڭچىڭ دېڭىز 03163 نومۇرلۇق بېلىقچىلىق كېمىسى ئېلىمىز جەنۇبىي دېڭىز نەنشا بەنيۆ دېڭىز خادا تاشلىرى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا ،فىلىپپىن دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ توسۇشى ،ۋە ئوق چىقىرىپ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغان . 09063نومۇرلۇق بېلىقچىلىق كېمىسىدىكى 11بېلىقچى تۇتۇپ قېلىنغان .
فىلىپپىن دېڭىز ساقچىلىرى ۋە فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيىسى 7-ماي ، فىلىپپىن دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ بەنيۆ خادا تاشلىرى ئەتراپىدا ،ئېلىمىزنىڭ بىر بېلىقچىلىق كېمىسىنى كونترول قىلىۋالغانلىقىنى ھەم كېمىنى فىلىپپىننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى پالاۋان ئۆلكىسىگە ئاپارغانلىقىنى دەلىللىدى ،نەنيۈەن خادا تاشلىرى ئېلىمىزنىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىدىكى خادا تاشلارنىڭ بىرى بۇلۇپ ، نەنخۇا سۇ يولى بىلەن نەنشا دېڭىز قېنىنىڭ كېسىشكەن يېرىدە ، بۇ يەرنىڭ بېلىقچىلىق بايلىقى مول بۇلۇپ ، ئىزچىل ئېلىمىز بېلىقچىلىرىنىڭ بېلىقلىق مەيدانى بۇلۇپ كەلگەن . نەنيۈەن خادا تاشلىرىنىڭ ئەتراپىدا مول بايلىق مەنبەسى ساقلانغانلىقتىن ،فىلىپپىن ئۇزۇندىن بېرى بۇ يەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشنى كۆزلەپ كەلگەن . 1995-يىلى ئارالغا ئەسكەر ئەۋەتىپ ،ئېلىمىز ئورناتقان بەلگىنى بۇزۇۋەتكەن . ئېلىمىز ئېتىراز بىلدۈرگەن بولسىمۇ نىيىتىدىن يانماي ،200دېڭىز مېلى دائىرىسىدىكى قەدىمدىن ئېلىمىزغا تەۋە بولغان خادا تاشلار رايونىغا ئىقتىسادىي رايون دەپ نام بەرگەن .
ئېلىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ : جۇڭگو فېلىپپپىندىن ئادەم ۋە كېمىنى دەرھال قۇيۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ دېدى . ئۇ يە مۇنداق دېدى : ‹ جۇڭگۇ نەنيۈەن خادا تاشلىرى رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەنشا تاقىم ئارىلى ۋە ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە نىسبەتەن مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە .
نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ دېڭىز ساقچى پاراخوتى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ باردى ، ئېلىمىزنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ۋە ئېلىمىزنىڭ فېلىپپىندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانسى فىلىپپىن تەرەپكە سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ، مۇۋاپىق چۈشەنچە بېرىشنى ،كېمە ۋە ئادەملەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى .جۇڭگو يەنە فېلىپپىننى ھەرقانداق ئىختىلاپ پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەت قوللانماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved