دۇنيادىكى قايسى دۆلەتلەردە باج ئەڭ ئېغىر؟

         2015-يىللىق تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ 500 كارخانىنىڭ ئىككى تىرىليون دوللارلىق مال-مۈلكى چەتئەللەردە بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كارخانا بېجىدىن قاچقان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا ھەر يىلى 600 مىليارد دوللار باج پۇلى زىيان تارتىدۇ. گەرچە ئامېرىكىنىڭ باج نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، دۇنيادا يەنە باج نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى دۆلەتلەر بار. تۆۋەندە بىز بۇ دۆلەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى:


       باج يىغىش ئەڭ بۇرۇن قەدىمكى مىسىردا باشلانغان بولۇپ، باجگىرلار دېھقانلار ئالغان ھوسۇلنىڭ %10 قىسمىنى مەجبۇرىي باجغا تۇتۇپ قالاتتى. ئادەتتە، باج يىغىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋىي مۇلازىمەت خامچوتىنى ئاشۇرىدۇ. كۆپ ساندىكى باج خۇسۇسىي تاپاۋەت، كارخانا تاپاۋىتى، نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش ۋە ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلاردىن كېلىدۇ. خۇسۇسىي تاپاۋەت بېجى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ باج مەنبەسى بولۇپ، ئامېرىكىدا %46 تىن ئارتۇق مالىيە كىرىمى پۇقرالارنىڭ بېجىدىن كېلىدۇ. كارخانا بېجىنىڭ رولى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىغىدىغان باجنىڭ پەقەت %10 نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىكى بىر قىسىم سەۋەب، نۇرغۇنلىغان شىركەتلەرنىڭ باش شىتابىنى باج نىسبىتى تۆۋەنرەك بولغان باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەپ كەتكەنلىكىدە بولۇپ، فوربېس ئېلان قىلغان 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ ئىچىدىكى %72 كارخانا، ئۆز دۆلىتىگە تۆھپە قوشماستىن، مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا باجدىن قاچىدىكەن. تاۋار، مۇلازىمەت، كۆچمەس مۈلۈك ۋە ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلار ئارقىلىقمۇ بىر قىسىم باج يىغىلىدىكەن.

       خۇسۇسىي تاپاۋەت بېجى جەھەتتە، سوتسىيالىزمغا مايىل ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ناھايىتى يۇقىرى. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، باج نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەر بېلگىيە، گېرمانىيە ۋە دانىيە بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر بويتاق، بالىلىرى يوق پۇقرالاردىن %40 ئەتراپىدا باج ئالىدىكەن. بۇ دۆلەتلەردە كىشىلەر نۇرغۇن پاراۋانلىقلاردىن بەھرىمەن بولىدىغان بولغاچقا، باج ئېلىش ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئۇلاردا ئادەتتە ئەڭ تۆۋەن نامراتلىق نىسبىتى ۋە ئەڭ يۇقىرى تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى بولۇپ، دانىيە ھەتتا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ بەختلىك دۆلەت دەپ قارىلىدىكەن.

     بۇ دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىدا تاللاشقا بولىدىغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ناھايىتى ئاز، ئوتتۇرىچە خۇسۇسىي تاپاۋەت بېجى پەقەت %25 بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئىچىدە، باج بېسىمى ئەڭ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئامېرىكىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، %39.1 كە يېتىدۇ. كارخانا تاپاۋەت بېجى ئادەتتە بازار ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان دۆلەتلەردە تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا،  يۇقىرى باج بېسىمىغا بەرداشلىق بەرگىلى بولىدۇ. نېفىت ئېكسپورت مىقدارى غايەت زور بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە باج نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى %55 كە يېتىدۇ. ھالبۇكى، ئىقتىساد مۇقىم بولمىغانلىقتىن، بۇ باج كىرىمىدە ھەر يىلى تەۋرىنىش كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

   تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، باج يىغىش ھەر بىر دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسىتى بولۇپ، گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر ۋە كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن پۇلىنى تاپشۇرۇشقا قارشى تۇرسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەتمۇ باج يىغىش ئارقىلىق پۇقرالارغا نۇرغۇنلىغان قولايلىق ۋە پاراۋانلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
30-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
13-05-2016
        چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەڭ يېڭى بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىياڭگاڭ يەنىلا پۈتۈن دۇنيادىكى تورغا چىقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى جاي ئىكەن. شىمالىي ئامېرىكا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغ...
13-05-2016
        جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىقى 13-ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 ئاشقان بولۇپ، 131 مىليون يۈەن ب...
13-05-2016
       بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1271.44 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 5.4 دوللار ئۆستى؛ ھەر ئۇنىسيە نەق كۆمۈشنىڭ باھاسى 17.06 دوللار بولۇ...
12-05-2016
      مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلى مۇخبىرىنىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 10 دىن باشلاپ دۆلەت ئىچى بېنزىن، دىزېل مېيى باھاسى تەڭشىلىدىك...
12-05-2016
    جۇڭگو شىزاڭ تورى خەۋىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپ ھالدا توي تۆكۈن نەزىر چىراغ ئىشلىرى ئۆتكۈزۈش، زىياپەت بېرىش قاتارلىق ئىشلاردىن ئۆز...
11-05-2016
    جۇڭگو تورى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋىرى، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادشۇناسلىق بۆلۈمى بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھۆججەت نەشرىياتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «ئىقتىساد كۆك ...
11-05-2016
    بۈگۈن نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى چۈشۈپ، ئالتۇن باھاسىغا ياخشى ئۆسۈش پۇرسىتىى يارىتىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن بۈگۈن بازاردا نەق ئالتۇن ۋە كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى. بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائات 11 ...
11-05-2016
   جۇڭگو شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت رايونىغا تىرىلىئون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈر مەبلىغى سېلىۋاتقان بولۇپ، ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ ئاستا رايوننىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئېنىق...
11-05-2016
   مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو سانائىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بۇ يىلقى تۆمۈر رۇدىسى ۋە پولات-تۆمۈر باھاسىنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، لېكىن جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى سودا سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارغا بۇ ئاساسنىڭ ئىنت...
10-05-2016
    مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونىمىز بانكا ساھەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2020-يىلغىچە 35 نامرات ناھىيەدىكى بارلىق يېزا...
Powered by Leglek