خەلق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .بۈگۈن يەنى 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى سانىدا نەشىردىن چىققان خەلق گېزىتىدە ،دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تارىخى ھالقىش دېگەن تېمىدا باش ماقالە ئېلان قىلىندى .
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى :‹سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ،قانۇننىڭ باشلامچىلىق قىلىشى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ كاپالىتى ۋە تىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ . ئەمدىلا يېپىلغان 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت 4-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسىلىلىرىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى .بۇ سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇشتا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ھۆججەت بۇلۇپ ،دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى مۇقەررەر تېزلىتىدۇ .
ئومۇمىي يىغىندا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ،ۋە ئاساسىي پرىنسىپى ئېنىق بېكىتىلىپ ،دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ئائىت بىر قاتار يېڭى قاراش ۋە يېڭى تەدبىر لەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ ،پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىلدى .
دۆلەت ئىچى سىرتىغا بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدىغان يولدا تەۋرەنمەي ماڭىدىغانلىقىمىز ،قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىمىز ئېنىق ئېلان قىلىندى ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved