چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 1-شۇجىسى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ 1-باشلىقى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالي قوماندانى كىم جوڭئۇن دۆلەتنىڭ سانائەت مۇئەسسەسەلىرىنىڭ ئۈلگىسى ۋە ئۆلچىمى بولغان ‹‹8-ئۆكتەبىر›› زاۋۇتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
كىم جوڭئۇن زاۋۇتنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆرگەندە تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئىنقىلابىي تارىخىي ئىزلار ئابىدىسى، مەدەنىيەت سارىيى، ئېلېكتىرونلۇق كۇتۇپخانا، قوراشتۇرۇش سېخى، تەييار مەھسۇلات سېخى، تاۋار كۆرگەزمىخانىسى، تەنتەربىيە سارىيى، مېھىر-شەپقەت سارىيى، ئاشخانا، ئارامخانا ۋە ئىشچىلار ياتىقى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرگەن.
‹‹8-ئۆكتەبىر›› زاۋۇتى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى بولۇپ، كىم جوڭئۇن زاۋۇت نامىنى ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved