6-تۈركۈمدىكى دۆلەت مەدەنىيەت كەسىپلىرى ئۈلگە بازىسى، 3-تۈركۈمدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت كەسىپلىرى ئۈلگە بازىسىغا ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى 18-مارت ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسىپلىرى ئۈلگە بازىسىدىن ئىككىسى يېڭىدىن كۆپەيدى. ئۇلار ئايرىم ھالدا شىنجاڭ يەتتە رەستە كوچىسى ئىجادىي كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ۋە تۇرپان شادلىق تەنتەنىسى (خۇەنلې شېڭديەن) مەدەنىيەتكە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا 6 مەدەنىيەت كارخانىسى دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسىپلىرى ئۈلگە بازىسى شەرپىگە ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە 24 مەدەنىيەت كارخانىسى 3-تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسىپلىرى ئۈلگە بازىسى شەرپىگە ئېرىشتى.
ھازىرغىچە، شىنجاڭدا خەلقئارا چوڭ بازار، شىنجاڭ دېۋېيلوڭ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 6 مەدەنىيەت كارخانىسى دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسىپلىرى ئۈلگە بازىسى شەرپىگە ئېرىشكەن. جەمئىي 76 مەدەنىيەت كارخانىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت كەسىپلىرى ئۈلگە بازىسى شەرپىگە ئېرىشكەن. بۇ كارخانىلار ئويۇن قويۇش، كارتون، مەدەنىيەت-كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت-ساياھەت، سەنئەت بۇيۇملىرى، قول ھۈنەر سەنئىتى، ئىجادىي لايىھە، ئاخبارات-نەشرىيات بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق كۆپ خىل مەدەنىيەت كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved