جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئالدى يۈزىدە لوگو يوق سامسۇڭ S7/Edgeگە ھەر خىل ماركىلار چاپلىنىپ كەتتى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سامسۇڭ شاڭخەيدە يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سامسۇڭ S7/S7 Edge نىڭ جۇڭگو نۇسخىسىنى رەسمىي چىقاردى. باشقا نۇسخىسى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، جۇڭگو نۇسخا سامسۇڭ S7/S7 Edge نىڭ ئالدى يۈزىدە سامسۇڭنىڭ لوگوسى يوق، بۇ سامسۇڭنىڭ لوگوسىنى ياقتۇرىدىغان بىر قىسىم تورداشلارنى ئۈمىدسىزلەندۈردى.

بىراق ئەقىللىق تورداشلار بۇرۇنلا سامسۇڭ S7 نىڭ ئالدى يۈزىنى بۇزىۋەتتى. مەسلەن سامسۇڭ s7 گە چاپلاق چاپلىغان تورداش PS ئىشلىتىپ، لوگو پەردىسى چاپلاش قاتارلىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ، سامسۇڭ يانفونىنى باشقا ماركىدىكى يانفونغا ئۆزگەرتىۋەتتى.

سامسۇڭ S7 دە 5.1 دىيۇملۇق 2K AMOLED ئېكران ئىشلىتىلگەن، سىنەپدراگون 820 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن، ئىچىگە LPDDR4 4GB RAM+32GB/64GB ROM ساقلاش گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 3000mAh باتارىيە ماسلاشتۇرۇلغان ھەمدە 12 مىليون پېكسىللىق Dual Pixel ئېكران، f/1.7 لىك چوڭ نۇر ھالقىسى ئىشلەتكەن، يەككە پېكسىلنىڭ رازمىرى 1.4μm، ئالدى تېلكامېرا 5 مىليون پېكسىللىق. سامسۇڭ S7 Edge دا 5.5 دىيۇملۇق 2K AMOLED ئەگرى يۈزلۈك ئېكران ئىشلىتىلگەن، سىنەپدراگون 820 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن، باتارىيە سىغىمى 3600mAh، باشقا تەرەپتىكى سەپلىمىسى سامسۇڭ S7 بىلەن بىردەك.

بۇنىڭدىن سىرت، ئىككى نۇسخا يانفونغا ئاندرويىد 6.0 سىستېمىسى سەپلەنگەن، باھاسى 4888 يۈەن ۋە 5688 يۈەن. 11-مارت زاكاس قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە 18-مارت رەسمىي سېتىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
08-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-11-2015
      چارلى ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق يىگىت بۇرنىنىڭ پۇراش سېزىمىنىڭ تولىمۇ ئۆتكۈرلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى مەخسۇس يېتىشتۈرمەكچى بوپتۇ. ئۇ دائىم رەزىنكە، خروم ئاياغ، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزا...
27-11-2015
   قېرىنداشلىق مېھرى نۇرغۇنلىغان ھېسسىياتلار ئىچىدىكى جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدىغان ئۇلۇغ بىر تۇيغۇ. ھەممە كىشىگە ئايال بولغىنىدەك، بىز بىر ئۆمۈر ئاتا-ئانىمىزنى ئىپتىخارلاندۇرالماسلىقىمىز مۇمكىن، بىراق ئۇلار يەنىلا ...
26-11-2015
     ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق بىر ئىجتىمائىي ئالاقە تورى مۇنبىرىدە، چاققان ھەم ئوماق بولغان مۈشۈك باشقىلارنىڭ «قىزىقارلىق چولپ...
Powered by Leglek