كۆرۈش خەۋەر تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شاكىلات كىشىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدىكەن. چۈنكى شاكىلاتنىڭ تەركىبىدىكى كاكائو فلاۋونول ئوكسىدلىنىشقا قارشى ياخشى ماددا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىكەن.
بۇ خىل يېڭى تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار 50 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغان ساغلام كىشىلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن ھەمدە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تىببىي مەركىزىدىكى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سىناققا قاتناشقۇچىلارغا تەركىۋىدە كاكائو فلاۋونول بار ئىچىملىكنى ئۈچ ئاي ئىچۇرگەن.
نەتىجىدە، تەركىۋىدە كاكائو فلاۋونول بار ئىچىملىكنى كۆپ ئىچكەن كىشىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاز ئىچكەنلەرنىڭكىدىن ياخشى بولغان.تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆلچەش داۋامىدا، كاكائو فلاۋونولنى كۆپ قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسى 20-30ياشلىق ياشلارنىڭكىدىن پەرقلەنمىگەن. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەپ كاكائو فلاۋونول بىر خىل ياخشى بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا بولۇپ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجى ئاجىزلاپ كېتىۋاتقان ئەستە تۇتۇش قابىلىيىنى ياخشىلايدىكەن.
لېكىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتنىڭ قايىل قىلىش كۈچى يېتەرلىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ كىشىلەرنى شاكىلاتنى كۆپ يىيىشكە دەۋەت قىلغانلىق بولمايدىكەن. سىناققا قاتناشقۇچىلار ھەر كۈنى قوبۇل قىلغان كاتېخىن 138 مىللىگرامغا يەتكەن بولۇپ، كۈنىگە تەخمىنەن 300 گرام قارا شاكىلات يېگەنگە باراۋەر كېلىدىكەن. بۇ مۇتەخەسسىسلەر ئېيتقان كۈنلۈك شاكىلات ئىستىمالى ئۆلچىمىدىن يەتتە ھەسسە يۇقۇرى ئىكەن.
شۇڭا، گەرچە شاكىلات ئىستىمال قىلىش ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولسىمۇ لېكىن ھەر كۈنى ھەددىدىن ئارتۇق يەۋەتمەسلىك كېرەك. كۈنىگە بىر پارچى قارا شاكىلات يىسىلا كۇپايە.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved