لەگلەك تورى تەرجىمىسى 17 - چېسلا سەھەردە شېنجېننىڭ پىڭشەن يېڭى رايونىدا ئۈچ تۆت سائەت ئۇدا قاتتىق يامغۇر ياغدى . قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىردە بۇ رايوندىكى كۆپ يەرلەردە تاغ باغىرى گۆمۈرلىش ، لاتقا-شېغىل سيىرىلىش ، يوللار بۇزۇلىش قاتارلىق ئاپەتلەر يۈز بەردى . شىجىڭ رايونى قۇياش كەنىتىدىكى تۆت ئېغىزلىق ئۆينى ۋە بىر سەككىز ئايلىق ئېغىر ئاياغ ئايالنى ئېقىتىپ كەتتى .
پىڭشەن رايونى ئىش بىجىرىش ئورنىدىكى مەسئۇل كشلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت بەشلەر ئەتىراپىدا سۇ ئىشلىرى شىركىتنىڭ خىزمەتچلىرى شىجىڭ رايونىدىكى بىر كۆۋرۈك ئاستىنى تازلاۋاتقاندا بىر جەسەتنى بايقىدى . تونۇش ئارقىلق بۇ 5 - ئاينىڭ 17- كۈنى ئەتىگەندە ئېقىتىپ كېتىلگەن ئېغىر ئاياغ ئايال ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈردى .
ئۆلگۈچىنىڭ ئىسمى جوڭجىنپىڭ ، بۇ يىل 21 ياش ، گۇڭدۇڭلىق ئىكەن . ئۇ پىڭشەندە بىر كېيىم -كىچەك دۇكىنى ئاچىدىكەن .لېكىن سودىدا زىيان تارتقانلىقى ئۈچۈن دۇكانى سېتىپ دادىسنىڭ قېشىغا كىلىپ بۇ ئۆينى ۋاقىتلىق ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان . جوڭجىنپىڭنىڭ دادىسى ئۇنىڭ پات يېقىندا يەڭگىيدىغانلىقنى ، قىزى بىلەن مەسلىھەت قىلىپ ئۇنى بۇ ھەپتە ئۆيىگە ئېلىپ كەتمەكچى بولغان ئېيىتى . نەتىجىدە بۇ كىلشمەسلىك يۈز بەرگەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved