يەر شارى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشىڭ ،ئالجىرىيە مىللىي پالاتاسىنىڭ باشلىقى بېن سالىھنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 1-نويابىردىن 3-نويابىرغىچە ئالجىرىيىدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى .ئالجىرىيىدە زۇڭتۇڭ بوتسىلىكا ،زۇڭلى سەللال مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى خەلىپە ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى راما مورا بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مىللىي پالاتانىڭ باشلىقى بىن سالىھ بىلەن سۆھبەتلەشتى .
يۈ جېڭشىڭ ئاۋال رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى لى كېچىياڭ ۋە كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجىياڭنىڭ ئالجىرىيە رەھبەرلىرىگە يوللىغان قىزغىن سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى .يۈ جېڭشىڭ مۇنداق دېدى :‹ئالجىرىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 6 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان كۈنلەردە زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن .بۇ جۇڭگونىڭ بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي بىيرۇ دائىمىي كومىتېت ئەزاسىنىڭ غەربىي ئاسىيا شىمالىي ئافرىقىغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى بۇلۇپ ،بۇ جۇڭگونىڭ جۇڭگو ئالجىرىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
يۈ جېڭشىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى :‹جۇڭگو ئالجىرىيە دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە .جۇڭگو خەلقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئالجىرىيىنڭ جۇڭگونىڭ ب دت دىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە قوشقان كۆرىنەرلىك تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ .مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا جۇڭگو ئالجىرىيە مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى ،ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلمىدى ،سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى .
بولۇپمۇ بۇ يىل 2-ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ بوتسىرىكا بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتقانلىقىنى ئورتاق جاكارلىغاندىن كېيىن ،جۇڭگو ئالجىرىيە مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخى باسقۇچقا قەدەم قويدى ،جۇڭگو ئالجىرىيە بىلەن بولغان ،دوستلۇق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ .ئالجىرىيەنى باشتىن ئاخىرى قېرىنداش ياخشى دوست ،ياخشى ھەمراھ دەپ بىلىدۇ .
جۇڭگو ئالجىرىيە بىلەن تەڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ،ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى ئورتاق تۇنۇشىنى ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ،ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ ،ئىككى دۆلەت ھەرقايسى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى ،سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ ،جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ ،بۇ ئارقىلىق جۇڭگو ئالجىرىيە مۇناسىۋىتىنى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكۈزۈپ ،جۇڭگونىڭ پۈتكۈل ئافرىقىغا ۋە پۈتكۈل ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش ۋە سەپەرۋەر قىلىشنى خالايدۇ .
مەملىكەتلىك سىياسى كومىتېت ئالجىرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ .كۇپ قاتلام كۆپ يىللار ئارقىلىق ئالاقە قىلىپ ۋە ھەمكارلىشىپ ،دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقىنى كۈچەيتىپ ،ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ .
ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى بوتسىلىكا پارلامىنېت باشلىقى بىن سالىھ ،زۇڭلىسى سەللال قاتارلىق ئالجىرىيە رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئالجىرىيەنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى .جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ سىياسىي ئىقتىساد مەدەنىيەت ،مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ ،ئىككى دۆلەت پارلامىتنى ئوتتۇرسىدىكى دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ ،خەلقئارا ۋا رايون ئىشلىرىدا زىچ ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ،زىيارەت مەزگىلىدە يۈ جېڭشىڭ ئالجىرىيە نامسىز قەھرىمانلار ئابىدىسىگە گۈل چەمبىرەك قويدى .ھەم جۇڭگو شىركىتى ھۆددىگە ئالغان ئالجىرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىناسىنى زىيارەت قىلدى .يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنى مۇئاۋىن رەئىسى قۇشۇمچە باش كاتىپى جاڭ جىياڭلى قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved