جۇڭگۇ خەۋەرلەر تورى : لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بولسا ئالداش بايرىمى ،بۇ دۆلەت خارەكتىردىكى بايرام ئەمەس ،لىكىن پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە جايلار ھەم كىشلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كۈندە ئۆز-ئارا چاقچاقلىشىدۇ ،قورقۇنۇشلۇق ئويونلارنى ئىلىپ بارىدۇ ،ئەخمەق قىلىنغان ئادەم كۆپ ھاللاردا «تۆتىنجى ئاينىڭ ئەخمىقى »دەپ ئاتىلىدۇ .
ئالداش بايرىمىنىڭ كىلىش مەنبەسى .
چۈشەندۈرۈشلەرگە قارغاندا ئالداش بايرىمىنىڭ شەكىللىنشى ئۇزاق بىر جەريانكەن .قەدىمكى رىم ۋاقىتلىردا «كۆڭۈل ئىچىش بايرىمى »(3- ئاينىڭ 25- كۈنى ) بىلەن ياۋروپانىڭ ئوتتورا ئەسىردىكى «ئەخمەقلەر بايرىمى »(12-ئاينىڭ 28 –كۈنى ) ئالداش بايرىمىنىڭ ئاساسى دەپ قارالغان .
.
ئاڭلىشمىزچە ئەڭ بالدۇر 4-ئاينىڭ 1-كۈنىنى كىشلەرنى ئەخمەق قىلىش بىلەن باغلىغان كىشى بولسا ئەنگىليە داڭلىق شاھىر جىياۋ سوۋ .ئۇ1392-يىلدىكى «كانتېربۇرىنىڭ ھىكايىسى » ناملىق ئەسىرىدە بىر ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان بىر خوراز مۇشۇ كۈندە بىر تۈلكە تەرپىدىن ئالدانغانلىقىنى يازغان . گەرچە بەزى ئۆلمالار بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان قاراشلار بار بولسىمۇ ،لىكىن ئادەتتىكى ئوقورمەنلەر بۇنداق كۆز قاراشنى قوبۇل قىلالايدىكەن .
16-17-ئەسىرلەرگە كلەلگەندە بەزى ياۋروپا شاھىر ھەم يازغۇچىلار ئەسەرلىردە 4-ئاينىڭ 1-كۈنى كۈلكۈلۈك چاقچاق قىلىدىغان .ئىش بارلىقىنى يازغان .1686 –يىلى ئەنگىليە يازغۇچىسى جون ئاۋبۇلى بۇ كۈننى «ئەخمەقلەرنىڭ ئۇلۇغ كۈنى »دەپ ئاتىغان .1698- يىلى 4-ئاينىڭ 1 –كۈنى نۇرغۇنلىغان ئەنگىليەلىك ئەخمەق قىلىنىپ لوندون مۇنارىغا يۇگۈرەپ بىرىپ «شىرنىڭ يۇينىشىنى كۆرگەن »
ئەخمەقلەر بايرىمىنىڭ ئوخشىمايدىغان ئادەتلىرى
«تۆتىنجى ئايدىكى ئەخمەق»
ئەنگىليەدە كىشلەر ئەخمەق قىلىپ بولغاندىن كىيىن،قارشى تەرەپ تېخى ۆزنىڭ ئالدانغانلىقىنى سەزمىگەن ۋاقتىدا ئۈنلۈك ئاۋازدا «تۆتىنجى ئاينىڭ ئەخمىقى »دەپ ۋارقىرايدۇ . خەلىق ئارسىدا تەتقىق قىلغۇچىلار ئەنگىليە ھەم بايرام ئۆرۈپ –ئادەتلىرنىڭ مھنبەسى بولغان ئەنگىليە دۆلەتلىرى چاقچاق قىلىدىغان ۋاقتى پەقەت شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12 گىچە ،مۇ شۇ ۋاقىتتىن كىيىن يەنە باشقىلارنى ئالداپ چاقچاق قىلسا ئۆزى «تۆتىنجى ئاينىڭ ئەخمىقى » بولۇپ قالىدۇ .
«كاككۇكنى ئىزدەش كۈنى »
شوتلاندىيەدىكى كىشلەر بۇرۇن ئالداش بايرىمىنى «كاككۇكنى تېپىش بايرىمى » دەپمۇ ئاتىغان .شوتلاندىيە تىلىدا «كاككۇك » بۇ سۆز ئەخمەق دىگەن مەنىسى بار
ئەڭ قەدىمكى چاقچاق قىلىش ئۆرۈپ –ئادىتى ئىراندا كىشلەر دائىم پارىس يىڭى يىلىنىڭ 13 –كۈنى ئۆز –ئارا چاقچاق قىلشىپ باشقىلارنى ئەخمەق قىلشىدۇ .بۇ كۈنى دەل مىلادىيە 4 –ئاينىڭ 1 –كۈنى ياكى 2 –كۈنى .بۇ بايرام كۈنى ئەڭ بۇرۇن مىلارىيە 536 –يىلىغا نەزەر سىلىشقا توغرا كىلىدۇ ،دۇنيادا يەنىلا ئەڭ قەدىمكى چاقچاق قىلىدىغان ئۆرۈپ –ئادەتلەر بار .شۇڭا كۆپ كىشلەر ئالداش بايرىمىنى بۇ ئۆرۈپ –ئادەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ
«تۆتىنجى ئاينىڭ ئەخمەق بېلقى ››
فىرانسىيە ،ئىتالىيە ، بىلگىيەنىڭ بىرقانچە جايلىرىدا كىشلەر بۇ كۈنىدە بىر قەغەز بېلىقنى باشقلارنىڭ كەينىگە چاپلاپ قويۇپ « تۆتىنجى ئاينىڭ ئەخمەق بېلقى » دەپ ۋارقىراشقا ئامراق . 19 –ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20 –ئەسىرنىڭ باشلىرى نۇرغۇنلىغان ئالداش بايرىمىنىڭ ئئاتكىرىتكىسنىڭ ئۈستىدە مۇشۇنداق بېلىقنىڭ ئوبرازى بار .
جامائەت ئورگانىىنىڭ قەبىھ چاقچاقلارغا قاتنىششى
پولشادىكىلەر ئالداش بايرىمى كۈنى ھەرخىل چاقچاقلارغا توشقان ، ئادەتتىكى پۇقرالارلا ئۆز –ئارا چاقچاق قىلشىپلا قالماستىن ،ئاخپارات ۋاستىلىرى بىلەن جامائەت ئورگانلىرمۇ بۇ ئويونغا قاتنىشىدىغان . بايرام كۈنى پولشالىقلار بۇ كۈنىدە مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بىرىشتىن ساقلىندۇ .1684 –يىلى 4 –ئاينىڭ 1 –كۈنى پولشا تۈزۈلمىسنىڭ بىر بىرلەشمىسى بۇمۇ كۈندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالاھىدە بۇ كۈندىكى شەرىتنامە تۈزىدىغان كۈنىدىكى يىغىن ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرگەن .
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved