كەچتە زەنجىۋىل يېيىش مەرگىمۇش (سەنكىيا) يېگەنگە باراۋەر
ئادەتتە ‹‹سەھەردە يېگەن زەنجىۋىل ھەسەل، كەچتە يېگەن زەنجىۋىل زەھەر›› دەيدىغان گەپ بار، بۇ زەنجىۋىل ئىستېمال قىلىشنىڭ ۋاقىتچانلىقى بارلىقىنى، سەھەردە يېگەن زەنجىۋىلنىڭ پايدىلىق، كەچتە يېگەن زەنجىۋىلنىڭ زىيانلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. زەنجىۋىلدە ئۇچۇچان ماي، گىنگىرول(زەنجىۋىل ئاچچىق ماددىسى)، دەرەخ يېلىمى ۋە كىراخمال قاتارلىق تەركىبلەر بولۇپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۈچەيتىدۇ، ئاشقازان ئۈچەي ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇپ ھەزىمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، باكتېرىيەگە قارشى تۇرىدۇ. زەنجىۋىلنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولغاچقا ئاسانلا ئادەمنىڭ ئىسسىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا كەچتە يېيىشكە ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
مايلىق يېمەكلىكلەر
مايلىق يېمەكلىكلەر مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر بىلەن بىر قىسىم خولېستېرىن تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يېمەكلىكلەر ئۈچەي، ئاشقازان، جىگەر، ئۆت ۋە ئۇيقۇلۇق(ئاشقازان ئاستى بېزى) نىڭ يۈكىنى ئارتىۋېتىدۇ، مەركىزىي نېرۋىنى غىدىقلاپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
يەللىك يېمەكلىكلەر
ئادەتتە پۇرچاق، چوڭ يېسسىۋېلەك، پىياز، كۆممىقوناق ۋە بانان قاتارلىق يېمەكلىكلەر ھەزىم قىلىنىش جەريانىدا كۆپ مىقداردا گاز ھاسىل قىلىپ، قورساقنى كۆپتۈرۈۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان – ئۈچەي بىئارام بولۇپ، ئۇيقىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.
يۇقىرى كالتسىيلىق يېمەكلىكلەر
قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك، بېلىق قاتارلىق يۇقىرى كالتسىيلىق يېمەكلىكلەر كەچتە يېيىلسە، تەركىبىدىكى كالتسىي ماددىسى پارچىلانغاندىن كېيىن بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىدا توپلىنىپ قېلىپ، تاش چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
تاتلىق يېمەكلىكلەر
كىشىلەر كەچلىك تاماقتىن كېيىن تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى تەسرەك بولغاچقا، ئاسانلا ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەرگە يۈك بولۇپ قالىدۇ. ئارام ئېلىۋاتقان ھالەتتە تاتلىق يېمەكلىكلەردىكى قەنتلەر ئاسانلىقچە پارچىلانمايدىغان بولغاچقا، بىۋاسىتە مايغا ئايلىنىپ ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved