پرۇشىنكونىڭ پىلانى تىنچلىق ئېلىپ كېلەلەمدۇ-يوق؟

رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 11-ئىيۇن مۇنداق دېدى: ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پىلانى- ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى. پىلان ئۇرۇش توختىتىش ۋە ھەر قايسى تەرەپلەر سۆزلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۇنداقتا ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پۇرۇشىنكو نەچچە كۈن ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىنىڭ تىنچلىق پىلانى بۇ پىلان بىلەن پۈتۈنلەي بىردەكمۇ قانداق؟


تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پىلانى بىلەن پۇرۇشىنكونىڭ پىلانىنىڭ بەلگىلىك ماس كېلىدىغان يىرى بار، ئەمما كېيىنكىسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقى قىسىم ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەلئارا قۇراللىق تەشكىلات بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلدى، بۇ مەزكۇر پىلاندىكى جاراھەتكە ئايلاندى. ئەگەر ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن ئەلئارىسىدىكى قۇراللىق تەشكىلاتلار ئۆز-ئارا مۇرەسسەلەشمىسە، ئۇنداقتا تىنچلىق پىلانىنى تاماملاش تەسكە توختايدۇ.
پورۇشىنكو 6-ئىيۇن فىرانسىيەدە نۇرماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ، رۇسىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى، ئۇلار بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىنىڭ تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە 7-ئىيۇن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش نۇتىقىدا بۇ پىلاننى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى.


بۇ پىلاننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: قانۇنسىز قۇراللىق كۈچلەر قۇرال تاشلىشى كېرەك، ئۇلار جانغا زامىن بولمىغان بولسىلا ئالاھىدە كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. رۇسىيەلىك ياللانما ئەسكەرلەرنى دۆلىتىگە قايتۇرىمىز. شەرقى قىسىمدىكى رايونلار بىلەن تىنچ سۆزلىشىمىز. مۇددەتتىن بۇرۇن يەرلىك سايلام ئۆتكۈزىمىز. بىر يۈرۈش ئىقتىسادى ئىسلاھات ئېلىپ بارىمىز.


كۆزەتچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پۇروشىنكو زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم سۆز قىلىپ: ئۇكرائىناغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلدۈردى. ئۇ دۆلەت ئىچىنىڭ تىنچلىقىغا شۇنداق ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ سەۋەبى بار.


يىرىم يىلغا يېقىن داۋاملاشقان قالايمىقانچىلىق ۋە ۋە يېقىنقى ئىككى ئايدىكى قۇراللىق توقۇنۇش ئۇكرائىنا ئىقتىسادىغا غايەت زور زىيان ئېلىپ كەلدى، نۇرغۇن ئۆلۈم-يېتىم پەيدا قىلدى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادى تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى. خەلق ئاممىسى يېڭى دۆلەت رەھبىرىنىڭ بۇ خىل قالايمىقان ۋەزىيەتنى تېزراق ئاياغلاشتۇرۇپ، نورمال سىياسىي، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنا مەملىكەت ئىچىدە قانلىق توقۇنۇشنى توختىتىش ساداسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. يېقىندا بەزىلەر داۋاملىق ئۇكرائىنا پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا بېرىپ يېغىلىش ئۆتكۈزۈپ، دائىرلەردىن شەرقى قىسىم رايونىدا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. غەربىي رايوندا ھەتتا بەزى ئەسكەرلەرنىڭ ئانىلىرى يوللاردا يېتىۋېلىپ، لىق ئەسكەرلەر چىققان ھەربىي ماشنىلارنىڭ شەرقى قىسىمدىكى ئالدىنقى سەپكە بېرىشنى توستى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پۇرۇشىنكو شەرقىي قىسىمدا تىنچلىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋەزىيەتكە ماسلاشتى، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن.

 

1-ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى. يېقىندا فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، پۇرۇشىنكو ياۋروپا ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن گەرچە بىرەسمى ئۇچراشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇمۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي قارشى تەرەپنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈردى.


2-پورۇشىنكو مەملىكەت ئىچىدە ئالدى بىلەن ئۇرۇش رايونىدىكى ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئۇ 10-ئىيۇن دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى، ئىچكى ئىشلار مىنستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى ۋە جىددىي ئەھۋال ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئىلىپ بىرىلىۋاتقان يەرلەردە يېڭىدىن ئۆلۈم-يېتىمنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇ كۈچلۈك تارماق رەھبەرلىرىدىن ئايرىلغان پۇقرالارغا زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلدى، بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك يولى بەرپا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ يەنە ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت تەشكىلاتىدىن ئۇرۇش رايونىدا ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بۇيرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتتىن مەركىزى ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ، پۇقرالارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.


كۆزەتچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۇرۇش توختىتىش- شەرقىي قىسىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تېخىمۇ مۇھىمى كېلەر قەدەمدىكى سۆھبەت. دائىرلەرنىڭ ئاساسلىق سۆھبەت ئوبيېكتى نۆۋەتتە ئۇ ئۇچرىشىشنى رەت قىلغان ئوبيېكتىپ، چۈنكى بۇ كىشىلەر شۇ يەر ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئەگەر ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىشكە ئامال بولمىسا، تىنچلىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.



خەتكۈچلەر:
14-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek