چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گرېتسىيە ئېگېي دېڭىزى تەۋەلىكىدە بىرنەچچە كۈن بۇرۇن 3 مۇساپىرلار كېمىسى چۆكۈپ كېتىش ھادىسىسى يۈزبەرگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 44 كە يەتكەن، ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە 10 غا يېقىن بالىلارمۇ بار بولۇپ، ئۇندىن باشقا نەچچە ئون كىشىنىڭ ئىزدىرىكى يوق ئىكەن.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ 3 مۇساپىرلار كېمىسى ئالدى-كەينى بولۇپ، ئېگېي دېڭىزىدىكى ماكونى يېرىم ئارىلى ۋە كالىيمونس ئارىلىدا ھادىسىگە ئۇچرىغان، گرېتسىيە ھۆكۈمىتى تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
شۇيەر ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە 44 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقان بولۇپ، ئارىسىدا 10 غا يېقىن بالىلارنىڭ جەسىتى، 16 نەپەر ئايالنىڭ جەسىتىمۇ بار ئىكەن، ئۇندىن باشقا قۇتقۇزۇش خادىملىرى 26 كىشىنى قۇتقۇزىۋالغان. ھازىر نەچچە ئون كىشىنىڭ ئىزدىرىكى يوق بولۇپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved