مۇخبىرنىڭ 23-يانۋار ئېچىلغان مەملىكەتلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىز سوت مەھكىمىلىرى چەتئەللەرگە قاچقان چىرىك جىنايەتچىلەرنىڭ دېلوسىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، چەتئەللەرگە قاچقانلارنى تۇتۇش، ھارام پۇلنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىدىكەن.
يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىنىڭ توققۇزىنچىسى ۋە ئالاقىدار ئەدلىيە ئىزاھاتى ۋە يېتەكچى پىكىرلەرنى توغرا چۈشىنىپ ۋە ئىشلىتىپ، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، پارىخورلۇق جىنايىتىنى تېخىمۇ قاتتىق جازالاپ، باشتىن-ئاخىر يۇقىرى بېسىمنى ساقلاپ، چىرىك ئۇنسۇرلارنى يەنىمۇ چۆچۈتۈشى كېرەك.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇچياڭ يىغىندا مۇنداق دېدى: خىيانەتچىلىك، تۇتۇپ قېلىش، ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش دېلولىرىغا قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاپ، ھەم يولۋاسلارغا زەربە بېرىش ھەم چىۋىنلەرنى مىجىپ تاشلاش كېرەك.
يىغىندا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى جىنايەتنى جازالاش بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئۆز ئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە بېكىتىش، گۇمانلىق جىنايەت، قانۇنسىز ئىسپاتلارنى يوققا چىقىرىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، جىنايەتچىلەرنى تېگىشلىك جازاغا تارتىپ، جىنايىتى يوقلارنى جىنايى ئىشلار بويىچە سۈرۈشتۈرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئۆلۈم جازاسى سىياسىتىنى قاتتىق تىزگىنلەپ ھەم ئېھتىيات بىلەن قوللىنىپ، ئۆلۈم جازاسى دېلولىرىنىڭ سۈپىتى، ئۆلۈم جازاسى دېلولىرىنى سوتلاش خىزمىتىنىڭ تەكشى، تەرتىپلىك ئىشلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved