بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئۇراگۋايلىق چولپىنى سۇئارىز زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئەگەر بىر كۈنى ئېنگلاند بىرلەشمىسىگە قايتىپ قالسا، چوقۇم لېۋىرپۇلدا توپ تېپىدىغانلىقىنى ئېيتقان. سۇئارىز «سىز كەلگۈسىدە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېنگلاند بىرلەشمىسىگە قايتىپ قالسام، چوقۇم لېۋىرپۇلدا توپ تېپىمەن، ھەرگىز باشقا كوماندىدا توپ تەپمەيمەن. مەن لېۋىرپۇلنىڭ مەستانىلىرىنى سېغىندىم، ئۇ يەر ئادەمنىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدۇ. لېۋىرپۇلدا توپ تېپىپ باققان توپچىلارنىڭ ھەممىسى مەستانىلەرنىڭ قانچىلىك موھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھەم ئۇلارنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ» دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved