مىلان كوماندىسىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش سودىسى مەغلۇب بولدى

   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىلاننىڭ خوجايىنى بېرلۇسكونى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەبلىغىدىن چىقىرىپ كۇلۇبنىڭ زىيانلىرىنى تولدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان، بېرلۇسكونى بۇنىڭدىن قاتتىق ئاچچىقلانغان.

  ئۇ تايلاندلىق سودىگەرنىڭ مىلاننىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغىلى خىلى ئۇزۇن بولغان بولۇپ، جۇڭگو مالىيە گۇرۇھلىرىنىڭ مىلان پاي چېكىنى  سېتىۋالىدىغانلىقى توغرىسىدا پاراڭلارمۇ تارقالغان ئىدى. لېكىن ئىتالىيە تاراتقۇلىرى ئىزچىل ھالدا بۇنى بىر ئالدامچىلىق دەپ قاراپ كەلگەن. بۇندىن بىر مەزگىل بۇرۇن تايلاندلىق سودىگەر Mr.Bee نىڭ بېرلۇسكونى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن «مىلان خەۋەرلەر تورى» ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىككە كېلىپ بولغانلىقىنى، تايلاندلىق سودىگەرنىڭ 480 مىليون ياۋرو چىقىرىپ مىلاننىڭ %48 پېيىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، مىلان كۇلۇبى ئۆزىنىڭ پاي چېكىنى سىتىۋەتكەندىن كېيىنمۇ يەنە كۇلۇبقا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قالالايتتى. ئىگىلىنىشچە جۇڭگو مالىيە گۇرۇھى جۇڭشىن بانكىسى 200 مىليون ياۋرو، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر جۇڭگو كارخانىسى 200 مىليون ياۋرو چىقارماقچى بولغان بولۇپ، تايلاندلىق سودىگەر Mr.Bee پەقەت 80 مىليون ياۋرو تەييارلىسىلا بولىدىكەن.

«مىلان خەۋەرلەر تورى»نىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرى ئىنتايىن ئوبرازلىق بولۇپ، ئىككى تەرەپنى كەلگۈسى ئىككى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە رەسمىي توختام ئىمزالايدۇ دەپ خەۋەر قىلغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر مىلاننى يېتەرلىك ئىقتىسادىي مەبلەغكە ئېرىشىدۇ دەپ قارىغان. نۇرغۇنلىغان مىلان مەستانىلىرى مۇشۇ كۈننى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئىدى. بىراق بۇ سودا ئاخىرقى ھېسابتا روياپقا چىقمىغان. «رىم تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ بىردەكلىككە كېلەلمەي سودا مەغلۇب بولغان. بېرلۇسكونى بۇنىڭدىن قاتتىق ئاچچىقلانغان.

ئالدىنقى يىلى يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا نۇرغۇن مەبلەغ چىقىرىپ باكا، ئادرىيانو قاتارلىق پۇتبولچىلارنى يۆتكەپ ئەكېلىپ، كۇلۇبنىڭ پاي چېكىنى يۇقىرى باھادا سېتىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مىلان كوماندىسى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىلىدە 94 مىليون ياۋرو زىيان تارتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى يىلى قىلغان سودىلارنىڭ ئورنىنى بېرلۇسكونى ئۆزىنىڭ شەخسىي مۈلكىدىن چىقىرىپ تولۇقلىغان. بۇ يىل 2-ئاينىڭ 20-كۈنى بېرلۇسكونىنىۇ مىلاننى سېتىۋالغانلىقىغا 30 يىل بولىدۇ. ئۇ بىر نەچچە يىل بۇرۇنلا مىلان ئۈچۈن چىقىرىۋاتقان مەبلەغلىرىنى ئازايتقان. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مىلاننىڭ پاي چېكىنى سېتىش سودىسى مەغلۇب بولدى. «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا مىلان كۇلۇبى ياش پۇتبولچىلارنى تەربىيەلەش ۋە قېزىپ چىقىرىشقا ماھىر بولغاندىلا، ئاندىن كۇلۇبنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
06-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
05-02-2016
        ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇ...
05-02-2016
      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ئون كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوغۇللار زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن ئ...
04-02-2016
     2015 ~ 16-مۇسابىقە پەسلىلىك CBA ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 37 -قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چىڭداۋ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەر ئۆز كۈچىنى تولۇق نامايان ...
Powered by Leglek