سىنگاپوردا چىقىدىغان بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ 3-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە: ئەل رايىنى تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، ئوتتۇرا شەرقتىن جەنۇبىي ئاسىياغىچە بولغان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان نوپۇسى كۆپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئىسلام ئەسەبىي تەشكىلاتىغا بولغان ئەندىشىسى كۈچەيگەن بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەسەبىي تەشكىلاتلارنى قوللاش نىسبىتىمۇ بىر ئاز تۆۋەنلىگەن.
ئەل رايىنى تەكشۈرۈش مەركىزى 14 دۆلەتتىكى 14 مىڭ 200 دىن كۆپرەك كىشىنى تەكشۈرگەن ھەمدە يېقىندا ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. بۇ تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، سۇرىيە ئۇرۇشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نىگېرىيە بوكو ھەرەم ئەسەبىي ئۇنسۇرلىرى بىر يۈرۈش تېررورلۇق ھۇجۇم قوزغىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئۆتكەن 12 ئايدا ئەسەبىيلىككە دىققەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى كۆپىيىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
ئەسەبىي تەشكىلاتلار بازا تەشكىلاتى، ئاللا پارتىيەسى، بوكو ھەرەم تەشكىلاتى ۋە خاماسنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان بولۇپ، ئۇلارنى قوللاش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved