خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىىدىكى مەلۇم بىر قاۋاقخانىدا ئىشلەيدىغان ئايال مۇلازىم لىز كلارك ئون يىل ئىلگىرى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، يۈك-تاقلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ، دېڭىز سەپىرىگە چىقىپ دۇنيانى ئايلىنىپ چىقىش قارارىغا كەلگەن.
34 ياشلىق قىز لىز ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سانتىياگو شەھىرىدىن بولۇپ، ئۆزى يالغۇز يەلكەنلىك كېمىنى ھەيدەپ دېڭىز سەپىرىگە ئاتلىنىپ، ئىزچىل تۈردە ئەركىن ۋە غەمسىز تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئۇ ھازىرغا قەدەر 25 مىڭ دېڭىز مىلى مۇساپىنى بېسىپ بولغان.
لىز دېڭىز سەپىرىگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەييارلىق قىلغان ھەمدە يەلكەنلىك كېمە ھەيدەشنى ئۆگەنگەن. 2005-يىلى دېڭىز سەپىرىنى باشلىغاندىن بۇيان، مېكسىكا، گۋاتېمالا، نىكاراگۇئا، كوستارىكا، پاناما ۋە گالاپاگوس تاقىم ئارىلى قاتارلىق جايلارغا بارغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ دېڭىز سەپىرى تېخى ئاخىرلاشمىغان بولۇپ، مىكرونېزىيەگە بېرىشنى قارار قىلغان ھەمدە داۋاملىق غەربكە قاراپ مېڭىپ دۇنيانى ئايلىنىش سەپىرىنى داۋاملاشتۇرماقچى ئىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved