ئاتموسفېرادىكى دانچە ماددا (PM) ئېشىپ كەتسە زىققا كېسىلى، سوزۇلما توشۇلۇشچان ئۆپكە كېسىلى ۋە ئۆپكە راكى قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋە ئاغرىپ ئۆلۈش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، لېكىن بۇنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش مېخانىزمى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغانىدى. جۇڭگو ئالىملىرى ئۇزاق ۋاقىت تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇششاق دانچە ماددىلارنىڭ نەپەس يولى ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ۋە زور مىقداردا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغانلىقىدەك يېڭى مېخانىزمنى شەرھلىدى. بۇ نەتىجە ھازىر خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا − جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەپەسلىنىش كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى، نەپەسلىنىش كېسىلى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىكى تېما گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا، يۇقىرى ھەسسىلىك مىكروسكوپتا چاچنىڭ چوڭلۇقىنىڭ 500/1دىن 100/1 گىچە توغرا كېلىدىغان ئۇششاق دانچە ماددىلارنىڭ ئىچىدىن يۇتۇش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنىڭ نەپەس يولى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسىگە كىرىپ، ھۈجەيرە ئىچىدە چۆكۈپ قارا رەڭلىك دانچە ماددا ھاسىل قىلىپ، ياللۇغ پەيدا قىلىدىغانلىقى ۋە زور مىقداردا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىدى.
«ھۈجەيرىنىڭ ئۆزىنى يۇتۇش»ىدىن ئىبارەت ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ رولى بىلەن، ھۈجەيرە «ئۆزىنى يۇتۇش» ئارقىلىق بۇ قارا رەڭلىق دانچىلارنى قاپلايدۇ ۋە ھۈجەيرىگە كىرگەن ئۇششاق دانچە ماددا، كېرەكسىز ئاقسىل قاتارلىقلارنى پارچىلايدۇ. لېكىن بۇ ئۇششاق دانچە ماددىلارنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا ئانئورگانىك كاربون، ئېغىر مېتال قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بولغاچقا، ھۈجەيرىنىڭ «ئۆزىنى يۇتۇش» رولىدىن پايدىلىنىپ پارچىلاش ئىنتايىن تەس. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا ياللۇغ پەيدا قىلىپ ۋە زور مىقداردا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، سوزۇلما نەپەس يولى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
![]() |
يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ھەيران ...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved