3-ئاينىڭ 20-كۈنى (جۈمە) شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى FM101.7 چاستودىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە ئەل سۆيگەن سەنئەتكارلىرىمىزدىن ھوشۇرقارى ئەپەندى، قىيۇم مۇھەممەت ئەپەندى، ئابدۇكېرىم ئابلىمىت ئەپەندى (مىرشاپ)، يەنە ياش ناخشىچىلىرىمىز سانىيەم ئىسمائىل خانىم، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، ياش قەلەمكەش ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر ئەپەندى قاتارلىق سۈيۈملۈك كىشىلىرىمىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونى ئىتىپاق يول بۆلىكىدىكى مۇھىت تازىلىقىغا تەڭ قاتنىشىش ۋە مۇھىت تازىلىق ئىشىچىلىرىدىن نورۇزلۇق ھال سواش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. «خەيرىلىك سەھەر» پروگراممىسىدا نەق مەيدان ئەمەلىي ئەھۋالى ئۇلاپ ئاڭلىتىلىدى.
بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە قاتناشقان ھەربىرىمىزنىڭ شۇئارى «مۇھىت تازىلىقىغا تەڭ قاتنىشايلى». ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 4:30 دىن 6:00 گىچە داۋاملاشقان بۇ پائالىيەت ناھايىتى يۇقىرى
كەيپىياتتا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
بۈگۈن سائەت 16:00 نىجات ئەھمەد رىياسەتچىلىكىدە ئاڭلىتىلىدىغان «ئەلدىن ئەلگە نەپ» پروگراممىسىدا بۇ پائالىيەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ئاڭلىتىلىدۇ.
ئاڭلاشنى قولدىن بەرمىگەيسىلەر!
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئستانسىسى ئۇنۋېرسال چاستوتىسى.
FM101.7
![]() |
يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ھەيران ...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved