تۈركىيە خەۋەرلەر تورى خەۋىرى: ھازىر ئەقلىيفون، ئۈندىدار قاتارلىقلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەرۋاقىت، ھەرجايدا سۈرەتكە چۈشۈش بىر خىل مودا بولۇپ قالدى، ئەمما شۇ يادىڭىزدا بولسۇنكى، سۈرەتكە چۈشۈش بىر سەنئەت. كامىرا ئالدىدا بەزى ئىنسانلار چىراي ئىپادىسى، بەدەن شەكلىنى شۇنداق تەبىئىي قاملاشتۇرۇپ، گۈزەل بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. نۇرغۇن ئىنسانلار كامىرا ئالدىدا شۇنداق گۈزەل پوكۇس چىقىرىشقا تىرىشىدۇ، ئەمما رەسىمنى كۆرگەندىن كېيىن باشقىچە ئۈنۈمگە ئېرىشىپ قالغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ قالىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىملەردىكى ئىنسانلار شۇنداق گۈزەل ھالەتتە رەسىمگە ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بەك گۈزەل بولىمىز دەپ، چەكتىن ئاشۇرۋىتىپ، ئەكسىچە ئۈنۈمگە ئېرىشىپ قالغاندەكلا قىلىدۇ. بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىشىنىمىزكى، تورداشلىرىمىز رەسىمگە چۈشكەندە قاتتىق ئېھتىياتچان بولۇپ، كەلسە-كەلمەس رەسىمگە چۈشۈپ يۈرمەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 14-ماي، ئەنگىلىيە لوندون، شۇ جايدىكى كىشىلەر قەدىمىي ۋېلىسىپىتلەرنى مىنىپ، كونىنى ئەسلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved