ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹توكنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىش››نى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولماقتا

ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر 1 – دېكابىر توك ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن توك چىقىرىش شىركەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە سودىلىشىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، ‹‹توكنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىش›› سودا ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، ھازىر بىۋاسىتە سودىلىشىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، بۇ يىلقى تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى باشلاندى.
ئاپتونوم رايوننىڭ 19 – ئاپرېل ئېچىلغان تۆۋەن باھالىق توك سىياسىتىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جاۋ چىڭشەن مۇنداق دېدى: ھېسابلاش ئارقىلىق، ھازىر توك ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن توك چىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ بىۋاسىتە سودىلىشىشتىن كېيىنكى ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى تەخمىنەن 0.36 يۈەندىن 0.40 يۈەنگىچە بولغان. بۇلتۇرقى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹شىنجاڭدىكى توك ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن توك چىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ بىۋاسىتە سودىلىشىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››ىغا ئاساسەن تۇنجى تۈركۈمدىكى توك ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن توك چىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ بىۋاسىتە سودىلىشىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
جاۋ چىڭشەن مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان كارخانىلار 30 – مارت دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ سودا مەركىزىدە بىۋاسىتە سودىلىشىشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى، بىۋاسىتە سودىلىشىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا 41 كارخانا قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 15 توك چىقىرىش كارخانىسى، 26 توك ئىشلەتكۈچى كارخانا بار. سودا سۇپىسىدا توك چىقارغۇچى يەتتە كارخانا بىلەن توك ئىشلەتكۈچى 24 كارخانا ئوڭۇشلۇق سودىلاشتى، سودا مىقدارى 2 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتتى.
سودىلىشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، توك ئىشلىتىش مىقدارىنى ئەمەلىي ھېسابلىغاندا توك ئىشلىتىش تەننەرخى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن، ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.0307 يۈەندىن 0.1355 يۈەنگىچە تۆۋەنلىگەن.



خەتكۈچلەر:
21-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئادەتتە كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان توك تارقىتىش ئۇسۇلى بولسا ئوت كۈچى، قۇياش ئېنىرگىيىسى، شامال كۈچى، سۇ كۈچى شۇنداقلا يادرو ئېنىرگىيسى ئارقىلىق توك تارقىتىش قاتارلىقلارد...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان سىنگاپور دېڭىز قىرغىقىدا قىستىلىشىپ تۇرغان دەرىجىدىن تاشقىرى ماي پاراخوتلىرىنىڭ سۈرەتلىرى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ن...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تەمىنلەشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە يەر شارى نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى نېفىت بازىرىنىڭ د...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     دۆلەت ئىچىدىكى تەييار يېقىلغۇ باھاسى يەنە بىر قېتىم ئۆسۈپ، بۇ يىلقى «ئۇدا ئۈچ قېتىملىق ئۆسۈش» نى كۈتۈۋالدى، ھەمدە بۇ قېتىمقى ئۆسۈش يىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى ي...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى، فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە، ماي باكى ئاپتوموبىلى ماي قاچىلاش پونكىتىغا ماي يەتكۈزمەكتە. فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئالان ۋىتالى 25-ماي ئاخبارات ۋاستىلىرىغا دەلىل...
24-05-2016
    «قارا ئاققۇ» نىڭ داۋاملىق پەيدا بولۇشى خەلقئارا ماي باھاسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى تۇنجى قېتىم «ئۇدا ئۈچ     قېتىم چۈشۈش» تەك ئەھۋال كۆرۈلدى. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرى...
24-05-2016
    جۇڭگو كۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شيەنجېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2015-يىلىدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە ئىستېمالى ئايرى...
24-05-2016
    دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا دەسلەپكى بازىرىدا، نېفىت باھاسى داۋاملىق ئاسىيا بازىرىدىكى چۈشۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇردى، سەۋەبى دوللارنىڭ كۈچىيىشى، ھەمدە بەزى ئالامەتلەردىن قارىغاندا، گەرچە ئىشلەپچىقىرىش توختاپ قېلىپ ئىشلەپچىقىرىش مىق...
24-05-2016
يەر شارى تورى 24- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئەنگىلىيە مۇستەقىللىق گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ قوياش ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا نەچچە كۈن...
24-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلار ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئىچى تەييار ماي پارچە سېتىش باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېچىلىدىكەن، مۆلچەردە بۇ قېتىملىق باھ...
Powered by Leglek