يېقىندا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئىقتىساد باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ يەنشىن بىر يىغىندا: ئاشلىق مېنېرال سۇچىلىق پۇلغا يارىمايدۇ، بۇ ئادىل ئەمەس، مۇۋاپىقمۇ ئەمەس، دېدى. ئۇ دۆلەتكە ئاشلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى يىلسېرى ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.ئاشلىق ئىنتايىم مۇھىم، ئەمما پۇلغا يارىمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، يەنى دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش باھا بەلگىلىشىنىڭ ئاقىۋىتى. ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، دۆلەت غايەت زور ئاشلىق سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى ئورناتتى. بىر تەرەپتىن، دۆلەت ئاشلىقنىڭ باھاسىنى بىر تۇتاش بېكىتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن يىغىۋېلىپ ساقلاش ۋە زاپاس ئاشلىقنى تۆكمە قىلىش ئارقىلىق، بازاردىكى ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. بۇنداق باھا تەڭشەش مېخانىزمى ئاستىدا، ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلەش بوشلۇقى ئاساسەن كىچىك بولىدۇ.
ھازىر ئاشلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ئەڭ پۇلغا يارىمايدىغان نەرسە. ئۇنىڭ قىممىتى باھاسىدا ئەكس ئەتمەيدۇ، بۇ ئەھۋال نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق باھاسىنى بېكىتىش تۈزۈمىدە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
باغلانما مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك. يەنى نۇقۇل ھالدا ھەر يىلى ئاشلىقنىڭ باھاسىنى ئاران %5 ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئاشلىق باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئىچىدىن ئاشلىق باھاسىنىڭ مۇۋاپىق سانىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.
ئەلۋەتتە، ئەگەر ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى پۇل پاخاللىقىغا تەسىر كۆسىتىدۇ دېگەن ئەندىشە كۆرۈلسە، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنى ئۆستۈرۈشكە، شەھەرلەردىكى تۆۋەن كىرىملىكلەر توپىغا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنى ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئاشلىق باھاسىنى نورمال يۈرۈشۈش ھالىتىدە ساقلىغىلى بولىدۇ.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved