كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىسىدىن تەركىپ تاپقان. بۇ بىر خىل زەھەرلىك ماددا بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھۆجەيرە ئېرسىيەت گېنىنى بۇزىدۇ. ئادەتتە بىر كىلوگىرام گېزىتتە ياكى كېرەكسىز قەغەزدىن قايتا ئىشلەنگەن قەغەزدە خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىسى 0.1–1 مىللىگىرامغا يېتىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ساقلىنىش مىقدارى 0.5–2 مىللىگرامغا يەتسە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا راك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
كۆپ خلورلۇق بىرىكمە بېنزول بىلەن زەھەرلىنىشنىڭ ئاساسىي ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە: قولنىڭ بارماقلىرىغا قارىغاندا رەڭگى ئۆزگىرىپ، كۆزدىكى بىرىكتۈرگۈچى پەردىگە قان تولۇپ، ئۈستۈن قاپاق ئىششىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىدۇ، پۇت–قول ماغدۇرسىزلىنىدۇ، بېشى قېيىپ قۇسۇش، ھەيىز نورمالسىزلىنىش، پۇت-قولى تارتىشىش، پۈتۈن بەدەنگە ئەسۋە چىقىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا يېمەكلىكلەرنى گېزىتكە ئورىماسلىق كېرەك.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
![]() |
ئىسمى:MACA
تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى
مىقدارى:100تال
ساقلاش مۇددىتى:36ئاي
ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە
مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى :
مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved