شىنجاڭ ۋە شاڭخەيدىكى سەنئەتكارلارنىڭ ھەمكارلىقىدا قايتىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق دىراما ‹‹ئالمىخان ھەققىدە رىۋايەت›› 8 – ئىيۇندىن باشلاپ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا يېڭىچە قىياپەتتە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ئۇقۇشىمچە، بۇ مۇزىكىلىق دىرامىنى ئىشلەش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە، شاڭخەي دىراما ئىنستىتۇتى بىلەن ‹‹لېي گوخۇا رېژسسورلۇق ئىجادىيەت ئىشخانىسى›› كوللېكتىپىنىڭ ئالاھىدە قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ دىرامىنىڭ رېژىسسورلۇقىنى ئاتاقلىق رېژىسسور لېي گوخۇا ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ۋە مىللىي پۇراققا ئىگە بۇ دىراما زامانىۋى سەھنە، يېڭىچە ئۇسلۇب بىلەن ئورۇنلانغان، ئاكتىيورلارنىڭ سەۋىيەسىمۇ ياخشى نامايان قىلغان.
تاماشىبىن ياڭ فەن مۇنداق دېدى: مەن ‹‹ئالمىخان›› ناخشىسىنى كۆپ ئاڭلىغان، لېكىن ئالمىخاننىڭ قانداق ئوبراز ئىكەنلىكىنى بىلىپ كەتمەيتتىم. بۇ قېتىم بۇ مۇزىكىلىق دىرامىنى كۆرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەدىمىي رىۋايىتىنى چۈشەندىم، بۇنىڭدىن كېيىن ‹‹ئالمىخان›› ناخشىسىنى ئاڭلىسام كۆز ئالدىمدا قەيسەر، باتۇر، پاك مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان گۈزەل ئۇيغۇر قىزى نامايان بولىدۇ. ئۆزگىچە ئىشلەنگەن بۇ دىراما جۇڭگودىكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىدە ئاكتىپ رول ئويناپلا قالماستىن، ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرىدىن زوق ئېلىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش جەھەتتىمۇ ياخشى رول ئوينايدۇ.
تاماشىبىن نۇرسىمانگۈل ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: مەن بۇ مۇزىكىلىق دىرامىنى كۆرۈپ، ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدىكى زور ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدىم. بۇ دىرامىدىكى سەھنە، دېكوراتسىيەلەر ئۆزگىچە لايىھەلىنىپتۇ، 3Dلىق كۆرۈنۈشلەر تاماشىبىنلارنى بۇ رىۋايەت ئىچىگە باشلاپ كىرىپ، ھەقىقىي ئالمىخاننى ۋە ئۇ ياشىغان شۇ دەۋرنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن. بۇ دىرامىنى كۆرۈپ تىياتىرچىلىقىمىزنىڭ كۈندىن – كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاكتىيورلىرىمىزنىڭ سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved