مالىيە ھېساباتىمدىكى چاتاقنى تاپتىم

شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان سەھىپە


    4-ئاينىڭ 18-19-20-كۈنى ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىدە «مالىيە تۈزۈلمىسىنى لايىھىلەش ۋە ئىجرا قىلىش» تېمىسىدىكى تەربىيلەش دەرىسى ئېلىپ بېرىلدى، تەربىيلەشتە شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، 20 يىللىق ئەمەلىي مالىيە تەجىربىسى ۋە مول بىلىمگە ئىگە بولغان گۈلىستان مۇئەللىم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا دەرس سۆزلىدى.

دەرسكە قاتناشقان كۇرسانتلار دەرس ئاڭلاش بىلەن بىرگە ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزدى ھەم بۇ قېتىملىق دەرسكە بولغان قارىشىنى بايان قىلدى.

 

ئادىل قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى شىركىتىنىڭ لېدىرى ئادىل ئەپەندى
- شېركەت مالىيە ھېساباتىنى توغرا، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇھىم ئىكەن، توغرا بولغان مالىيە تۈزۈمىنى بېكىتكەندە مالىيە ھېساباتىنىڭ توغرا ئېنىق بولىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي، خادىملار ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچىنى كۈچەيتكىلى بۇلىدىكەن.

 


شىنجاڭ خەلپە ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىجرا دىرىكتورى ئادىل ئەپەندى
- مالىيە يۈرەككە ئوخشايدۇ، يۈرەك ساغلام بولسا قان ئايلىنىشمۇ ياخشى بۇلىدۇ، مالىيە توغرا، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغاندا شېركەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بۇلىدۇ. مالىيەرىمىزدە بىر يوچۇق بارلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەيۋاتقانتۇق، بۇ قېتىملىق دەرىستىن كىيىن بۇ يوچۇقنىڭ دەل مالىيە تۈزۈمىمىزدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق.

 

شىنجاڭ سادا خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى لىدىرى ھەبىبۇللا ئەپەندى
- بۇ قېتىملىق دەرستىن كىيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى مالىيە جەھەتتە ئەمەلىي تەجىربىگە ئىگە بولساممۇ، نۇرغۇن ئۇششاق ھالقىلىرىغا سەل قاراپتىكەنمەن، ئەمەلىيەتتە ھەربىر نۇقتىلار تۈزۈمگە ئاساسەن تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغاندا، دائىم يۈز بىرىدىغان مەسىلىلەردىن ساقلانغىلى بۇلىدىكەن.

 

 شىنجاڭ ئىھسان ئاشلىق ماي چەكلىك شىركىتى مالىيە بۆلۈمدىن رەيھانگۈل:
- بۇ قېتىملىق دەرس ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، گۈلىستان مۇئەللىمنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي خىزمەت تەجىربىسى ۋە مول بىلىمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىگەن بۇ دەرسىدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، شۇنداقلا خىزمەت جەھەتتىكى بەزى خاتا قىلغان ئورۇنلىرىمنى بىلىۋالدىم.

 

شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭ

 

 



خەتكۈچلەر:
22-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
    ھىندىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى راجان يېقىندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە باشلىقلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا: ‹‹ھىندىستان ئىقتىسادى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ...
02-05-2016
     سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چوڭ كۆلەمدە ئۇل ئەسلىھە سالىدىغان پۇلى بولمىغاچقا، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى كاتتا شىركەت – بىن لادىن گۇروھى 50 مىڭ ئادەم قىسقارتتى. «خۇيتۇڭ » تورى 2–ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: نېفىت با...
02-05-2016
    شىزاڭ ئاپتونۇم رايونىنىڭ رىكازىدىكى يادۇڭ چېگرا ئېغىزى بەش ئاي تاقالغاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن سەھەردە ئوڭۇشلۇق ئېچىۋېتىلدى، جۇڭگو ۋە ھىندىستان تەرەپتىن چېگرادىن ئۆتۈشنى ساقلاۋاتقان كىشىلەر چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈشتى، شىزاڭ بۇ ...
02-05-2016
    ئاساسلىقى ياپونىيە يىنى پېرېۋوت نىسبتىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشى تەسىرىدە، توكيو پاي بازىرى 2- ئاپرېل چۈشۈش بىلەن باشلاندى ۋە داۋاملىق چۈشتى. توكيو پاي بازىرىدا 255 تۈرلۈك پاينىڭ ئوتتۇرچە چۈشۈش چاستۇتىسى %3.11 تىن ئېشىپ كە...
02-05-2016
    بۇ يىل 4- ئايدا ئالتۇن بازىرى قىزىپ كەتتى، ئاي بېشىدا ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1215 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى كۆپ قېتىملىق تېز ئۆسۈش ۋە تىك سىزىقتا چۈشۈشنى باشتىن كە...
01-05-2016
پۇل تېپىشنىڭ يوللىرى كۆپ، ئەمما پۇل تاپىدىغان يولنى تاپالمىسا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. نام چىقىرىش ئۈچۈن بالدۇر تۇتۇش قىلىش كېرەك، بېيىش ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەش كېرەك. تۆۋەندە كۆپچىلىككە 2016- يىلى ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان بەش...
01-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى 28- ئاپرېل تېلېگراممىسى، ئىقتىساد گېزىتى ئاگېنتلىقى ۋە جۇڭگو ئىقتىساد يۈزلىنىشى تەتقىقات ئورنى تۈزگەن «جۇڭگو ئائىلىلىرىنىڭ مال-مۈلۈك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» 28- ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ دوكل...
01-05-2016
    چېرنوبىل يادرو ئاپىتى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر پۇقراۋى يادرو ئەسلىھەسى ھادىسىسى. گەرچە بۇ يادرو ھادىسىسىگە 30 يىل بولسىمۇ، چېرنوبىل دائىرىسى 150 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق رايونى يەنىلا ھەر خىل رادىئوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ۋە رېئاك...
01-05-2016
تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالىيە-ئىقتىساد تورى Wallethub.com نىڭ 26-ئاپرېلدا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا 2 مىليون ئادەمنىڭ «قىمار خۇمارى» بار بولۇپ ئوتتۇرىچە قەرز سوممىسى 40 مىڭ ئامېرىكا دولل...
01-05-2016
    باش ئىشتابى توكيوغا جايلاشقان بىت تەڭگىسى (BitCoin) ئالماشتۇرۇش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان BitFlyer شىركىتى يېقىندا 3.0 مىليارد يېن (تەخمىنەن 27 مىليون دوللار) مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىل...
Powered by Leglek