ياۋروپا تاراتقۇسى «ماشىنا ھەۋەسكارى دۇنياسى» نىڭ 26-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، باررېت جېكسون يىغىپ ساقلىغان ماشىنا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنى بۈگۈن ۋاكالەت نومۇرى 001 بولغان 2016 نۇسخىسىدىكى COPO Camaro تۇنجى ماشىنىسىنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتىدىكەن، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش كىرىمى ھەممىسى ئامېرىكا بىرلەشمە ئىئانە توپلاش كومېتىتى (United Way) غا ئىئانە قىلىنىدىكەن. ئىگەللىنىشىچە، بۇ ماشىنا ئالدىنقى يىلى 10-ئايدا ئامېرىكا ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ماشىنا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم سىرتقا ئېلان قىلىنغان.
سىرتقى كۆرۈنىشى تەرەپتە، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تۈز يول رىقابەت مۇسابىقىسى NHRA دىكى Funny Car گۇرۇپپىسىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ماھىر-كورتنىي فورسنىڭ ئىلھامىنى قوبۇل قىلغان، COPO Camaro كىشىنى جەلپ قىلىدىغان قىزىل رەڭلىك سىرتقى كۆرۈنۈشكە ئىگە ھەمدە بېزىكىدە گىئومىتىرىيەلىك سۈرەت بار.
چېۋورلىد COPO Camaro مەخسۇس ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تۈز يول مۇسابىقىسى NHRA نىڭ Stock گۇرۇپپىسى ئۈچۈن ياسالغان، THM-350 ئاپتوماتىك خوتلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان، 2.9L ۋىپېل بېسىم ئاشۇرغۇچ سەپلەنگەن. چېۋورلىد مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدار ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىمىغان.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved