3-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم-كېچەك بايرىمى 2-سېنتەبىر ئۈرۈمچى دېخۇي خەلقئارا كىيىم شەھەرچىسىدە باشلاندى .
بۇ قېتىمقى كىيىم-كېچەك بايرىمى تۆت كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ، بايرام مەزگىلىدە 2014-يىللىق جۇڭگو كىيىم كۆرگەزمىسى ، جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى توقۇلما كىيىم-كېچەكلەر كەسپى كۆرگەزمىسى ، 2014-يىللىق ياۋروپا -ئاسىيا مودا كىيىم ھەپتىلىكى ، 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خانىم-قىزلار ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ھەمدە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ، 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭدىكى 10 داڭلىق مىللىي كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنى باھالاش ۋە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ .
ياۋروپا -ئاسىيا يىپەك يولى كىيىم-كېچەك بايرىمى جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ ، 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى بولغان — شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىگە مەخسۇس ‹‹ توقۇلما كىيىم-كېچەكلەر كۆرگەزمە سارىيى ›› تەسىس قىلىندى .
كىيىم-كېچەك بايرىمىدىكى مۇھىم پائالىيەتنىڭ بىرى بولغان 2014-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكى 2-سېنتەبىردىن 5-سېنتەبىرگىچە دېخۇي خەلقئارا كىيىم شەھەرچىسى كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ، جەمئىي 19 مەيدان كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ .
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved