ئىران يادرو مۇزاكىرە ھەيئىتى نىيو يوركقا باردى
يەر شارى خەۋەر تورى 26-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف باشچىلىقىدىكى ئىران يادرو مۇزاكىرە ھەيئىتىنىڭ بۈگۈن ئەتتىگەن يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن نىيو يوركقا بېرىشقا تەييارلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئىران رەسمى خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئىرنا» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەۋاد زەرىف باشچىلىقىدىكى ئىران يادرو مۇزاكىرە ھەيئىتى، يادرو قۇراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۈگۈن سەھەر نىيو يوركقا بېرىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالى ۋەكىلى Federica Mogherini ۋە 5+1 گۇرۇپپىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
ئىران بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كومىتىتىنىڭ دائىمى ئەزالىرى ئامېرىكا، روسىيە، جۇڭگو، ئەنگىلىيە ۋە فرانسيە بىلەن گېرمانىيەدىن تەشكىللەنگەن 5+1 گۇرۇپپىسى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يادرو مۇزاكىرىسىدە 2-ئاپرېل يارىشىش ھاسىل بولغان ئىدى. ھەر قايسى تەرەپلەر 30-ئىيۇنغا قەدەر ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمنى ئىمزالاشنى نىشان قىلىۋاتىدۇ.
شىۋىتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە 2-ئاپرېلدا ھاسىل بولغان رامكا كېلىشىمىدىن كېيىن ھەل قىلغۇچ كېلىىشمنىڭ تېكىستىنى تەييارلاش ئۈچۈن چارشەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ياردەمچىلىرى ئارىسىدا ئاۋىسترالىيە پايتەختى ۋىيانادا ئۇچرىشىش بولغان ئىدى، ھەر قايسى تەرەپلەر ھەل قىلغۇچ كېلىشىم تېكىستىنىڭ يېزىلىشىغا باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. نىيۇ يوركتا تاشقى ئشىلار مىنىستىرلىرى ياردەمچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدىكى سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان مۇزاكىرىچى تەرەپلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ كېلىشىم تېكىستىنى تەييارلاشنى داۋاملاشتۇردىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. تاشقى ئشىلار مىنىستىرى جەۋاد زەرىف ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىينىڭ دۈشەنبە كۈنى نىيو يوركتا ئۇچرىشىپ سۆھبەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
26-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: يەر شارى خەۋەر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
30-ئاپرېل، ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ تولۇقلىما سايلىمىنىڭ بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىسلاھاتچىلار روشەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.
...
|
 |
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقنىڭ بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 1-ماي ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ساماۋا شەھىرىدە ئىككى قېتىم تېرورلۇق پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈزبېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 38 گ...
|
 |
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيە تاراتقۇسى بولغان «دەۋر گېزىتى» ۋە دۇنيا ئاخبارات ئاگېنتلىقى (Cihan) دىكى 400 مۇخبىر «خىزمەتتە خاتالىق سادىر قىلىش»، «شىركەت ئوبرازىغا تەس...
|
 |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، مالايسىيا كۇئالالۇمپۇر، مالايسىيا خەلقى 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا يىغىلىپ ئىشچىلارنىڭ ئاساسىي مائاشىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە مالايسىيا باش مىنىستىرى نەجىبنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى.
...
|
 |
يەمەن ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى شېيىخ ئەخمەدكە قۇسەي قوراللىقلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتىن، يەمەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۇۋەيت تىنچل...
|
 |
ئىران پرېزىدېنتى روھانىينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كورىيە پرېزىدېنتى پاك گيۇنھى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بېرىپ ئىراندىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ 1962-يىلى ئىككى دۆلەت دىپ...
|
 |
ياپونىيە مېدىيەلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 30-ئاپرېل بېيجىڭ دىياۋيۈتەيدە زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا سۆھبەتلەشكەن، فۇمىئو كىشى...
|
 |
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك سىياسى سوئال-جاۋابلىق ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئىندىياننا شىتاتىدا 3- ئاپرېل مۇھىم نامى ئاتى...
|
 |
«ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ 29- ئاپرېل ئىرۇسالىمدا «جۇڭگو-ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە ھەيئىتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنى»غا رىياسەتچىلىك قىلغان ب...
|
 |
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالاباما شىتاتى كوتلاندىكى بىر قاقاس بازارغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيادىن كەلگەن ئىمپورت ماللار كۆپلەپ ئېقىپ كىرىپ، بۇ بازاردىكى زاۋۇتلارنىڭ سودىسى ئېغىر زەربىگە ...
|