ئۆسمۈر پۇتبولچىلىرىمىز رۇسىيەدىن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى

10 – نۆۋەتلىك رۇسىيە ئۆسمۈرلەر خەلقئارا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 28 – مايدىن 30 – مايغىچە رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىدە جۇڭگو ئاتۇش ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى 15 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيون بولۇپ، 31 – ماي كەچتە زەپەر قۇچۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.
ئۇقۇشىمىزچە، رۇسىيە مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسىگە دەسلەپتە رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىلىرى قاتناشقان بولۇپ، كۆپ قېتىملىق تاللاش مۇسابىقىسىدىن كېيىن سەككىز كۈچلۈك كوماندا تاللىنىپ چىققان. رۇسىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخىرقى باسقۇچتىكى مۇسابىقە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مۇسابىقىنى خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسىگە ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭ بىلەن، 15 ياشلىقلار گۇرۇپپىسى بىلەن 13 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىغا چەت ئەلدىن كوماندا تەكلىپ قىلغان.
بۇ مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئىككى كوماندا قاتناشقان، جۇڭگو شىنجاڭدىن تەشكىللەنگەن 14 – 15 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسى، ئاساسلىقى، ئاتۇشتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن قارامايلىق بىر ئوقۇغۇچىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جۇڭگو ئاتۇش كوماندىسى، دەپ ئاتالغان. 15 ياشلىقلارنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ئاتۇش كوماندىسى 1:0 نەتىجە بىلەن كاباردىنو – بالكار كوماندىسىنى، 11:1 نەتىجە بىلەن يېڭى سىبىرىيە كوماندىسىنى، 14:0 نەتىجە بىلەن ئارخانگېرك كوماندىسىنى يېڭىپ، ئاخىرقى مەيداندا 3:3 نەتىجە بىلەن ئالانلار كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ، گۇرۇپپىدا 1 – لىكنى قولغا كەلتۈرگەن، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ كوماندىسىنى 6:0 نەتىجە بىلەن يەڭگەن، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە موسكۋا كوماندىسى بىلەن 3:3 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ، نۇقتا توپ جېڭىدە 5:4 نەتىجە بىلەن بۇ كوماندىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرگەن. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە جۇڭگو ئاتۇش كوماندىسى ئىلگىرى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇچرىشىپ تەڭلەشكەن ئالانلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، 3:2 نەتىجە بىلەن بۇ كوماندىنى يېڭىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
جۇڭگو شىنجاڭنىڭ 13 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدىكى پۇتبول كوماندىسى جۇڭگو قاراماي كوماندىسى، دەپ ئاتالغان. بۇ كوماندا تۇنجى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە بېلورۇسكى كوماندىسىنى 8:3 نەتىجە بىلەن، كىراسنويارىسكىي كوماندىسىنى 7:1 نەتىجە بىلەن، ئادىگېي كوماندىسىنى 3:0 نەتىجە بىلەن، سانتپېتىربۇرگ كوماندىسىنى 6:0 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 1 – بولغان، لېكىن چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىنتېر – 7 كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ، نۇقتا توپ جېڭىدە يېڭىلىپ قالغان.



خەتكۈچلەر:
02-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    3-ماي چۈشتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە قىزىرىپ پىشقان گۆشكىردىگە ئېغىز تېگىپ، ئۆزگىچە تائام مەدەنىيىتىمىزدىن يەنە بىر قېتىم سۆيۈنگەن بولسام، 4-ماي چۈشتە بىز ئولتۇرغان جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانى گۇاڭجۇ...
07-05-2016
    گېرمانىيە بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا، بايرىن مىيۇنخېن قاپقىچىسى نويېرنىڭ 2015-2016-پەسىللىك گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچىسى بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق باھالاشتا، نويېر لېۋېركۇسېن قاپقى...
07-05-2016
    دورتموند ئورگان تورىدا گۇندوغاننىڭ تىزى يارىلانغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوندوغاننىڭ تىزى يارىلانغانلىقى ئۈچۈن، يەكشەنبە كۈنىدى...
06-05-2016
    «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بارسېلونا ئىككى ھۇجۇمچىنى كۆزىتىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرسى سىۋېللا ھۇجۇمچىسى گامېرى، يەنە بىرسى بولسا لاكورونىيە ھۇجۇمچىسى لۇكاس پېرېز ئىكەن. بارسېلونانىڭ كەينى كەينىدى...
06-05-2016
     ۋاڭيى تورى 6-ماي تەنتەربىيە خەۋىرى، NBA شەرقىي رايون يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى مەيدان كۈچ سىنىشىشتا ئەجدىھا كوماندىسى تۆت كونتىيور كەسكىن رىقابەتتىن كېيىن قوشۇمچە مۇسابىقە ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەيدانىدا 96:92 ...
05-05-2016
    مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسى يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە، مېھمان مەيداندا 1 : 2 نەتىجە بىلەن گېرمانىيەدىكى بايرىن مىيۇ...
04-05-2016
     ئەتە سەھەر ئوينىلىدىغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مانچېستىر شەھىرى مېھمان مەيداندا خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى كۆك ھىلال ئاي قوشۇنىنىڭ مۇداپىيەچىسى زابالېتا ئ...
04-05-2016
      قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن يوپۇغا ناھىيەسىدىكى مىللىيچە چېلىشىشقا ئامراق ھەر مىللەت يوپۇغا خەلقى بۇ يىللىق ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئوغلانلار›› مىللىيچە چېلىشىش...
04-05-2016
     لېيچېستېر شەھىرى بۇ پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ مەشقاۋۇلى رانېرىمۇ بىرلەشمىنىڭ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. رانېرى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن ...
04-05-2016
    ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشدا خانلىق مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئىنگلاند زەردارى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن 0-0 تەڭلىشىپ قالدى. ناۋادا ئەتە سەھەردە ئۆتكۈزۈلىدى...
Powered by Leglek