لەگلەك تورى تەرجىمىسى ئامېرىكا ۋاشىنگىتون شىتاتىدىكى بىر ئايال ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ 90 مىليون ئامېرىكا دوللار مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . ( تەخمىنەن 550 مىليون خەلىق پۇلى ) . كۈچلۈك توپ لاتارىيە بېلىتنىڭ تارقاتقۇچىسى 4 - چېسلا بۇ قېتىمقى چوڭ مۇكاپاتنىڭ سىياتۇللىق ئايال لىسا كۇمغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى .
كۇم ئالدىنىقى ئاينىڭ 27 - كۈنى ئېرى بىلەن تۈرلىك ماللار دۇكىندا گېزىت ۋە ئىچىملىك سېتىۋالغاندا ئككى تال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان . ئۆيگە قايىتقاندىن كېيىن ئۇنى توڭلاتقۇغا چاپلاپ قويغان ، مۇكاپات ئېلان قىلىنىپ ئككىنىجى كۈنى ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلگەن .
بۇ پۇللارنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسدا كۇم مۇنداق دېدى : ھەممە ئائىلگە ئوخشاش بىزمۇ بالىلارنىڭ ئوقۇش قەرزىنى قايتۇرىمىز ، ئۆيلەرنى رىمۇنىت قىلدۇرۇمىز . بىز بالىلىرىمغا بىر يۈرۈش ئۆي ئېلىپ بىرىشىمز مۇمكىن . “ ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بوئىن شىركىتىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ ساياھەت قىلىدىغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئامراق ماشىنىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيىتتى .
كۈچلۈك توپ لاتارىيە بېلىتى ئامېرىكانىڭ 44 شىتات ، ۋاشىنگىتون كۇلۇمبىيە قاتارلىق ئورۇنلاردا سېتلىدۇ . مۇكاپاتقا ئېرىشىش نىسپىتى 175 مىليوندىن بىر ئىكەن . كۇم ۋاشىنگىتون شىتاتىدىكى تۇنجى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى . ئۆتكەن يىلى 6 - ئايدا فىلورىدا شىتاتىدىكى بىرئادەم 590 مىليون چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئامېرىكا تارىخدىكى ئەڭ چوڭ موكاپاتقا ئېرىشكەن كىشى بولغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved